ياۋروپا ئىتتىپاقى 2024-يىلىدىن باشلاپ ئېلېكترونلۇق مەھسۇلاتلارنىڭ زەرەتلىگۈچنى ئورتاقلاشتۇرۇش توغرىسىدا قارار چىقاردى
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 4-ئۆكتەبىر
ياۋروپا پارلامېنتى 4-ئۆكتەبىر فىرانسىيەنىڭ ستراسبۇرگ شەھىرىدە « ئېلېكترونلۇق مەھسۇلاتلارنىڭ زەرەتلىگۈچىسىنى ئورتاقلاشتۇرۇش» نامىدىكى قارارنامىگە قارىتا بېلەت تاشلاش ئېلىپ بارغان. نەتىجىدە 602 ئاۋازنىڭ قوشۇلۇشى، 13 ئاۋازنىڭ قارشى تۇرۇشى ۋە 8 ئاۋازنىڭ ۋاز كېچىشى بىلەن مەزكۇر قارارنامە ماقۇللىنىپ رەسمىي قانۇن بولۇپ بېكىتىلگەن.
مەزكۇر قانۇندا بەلگىلىنىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى تەۋەسىدىكى بارلىق ئېلېكترونلۇق مەھسۇلاتلار 2024-يىلىدىن باشلاپ بىرلىككە كەلگەن زەرەتلىگۈچ ئېغىزى يەنى USB-C نى ئىشلىتىلىشى كېرەك ئىكەن. باشقا ئېغىزدىكى مەھسۇلاتلارنىڭ ياۋروپا بازىرىغا كىرىشى چەكلىنىدىكەن.
ئالما شىركىتى بىر قانچە يىلدىن بۇيان « يېڭىلىق يارىتىشقا توسقۇنلۇق قىلىدۇ» دېگەن باھانە بىلەن USB-C ئېغىزىنى ئىشلىتىشنى رەت قىلىپ كەلگەن ئىدى. ئەمما ياۋروپانىڭ بۇ قارارى ئالما شىركىتىنى ئامالسىز ھالدا ئۆزىنىڭ مەيدانىدىن ۋاز كېچىشكە قىستىغان. خەۋەرلەرگە قارىغاندا ئالما شىركىتى 2023-يىلى ئېلان قىلىنماقچى بولغان ئالما 15 تېلېفونىدىن باشلاپ بارلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ زەرەتلىگۈچ ئېغىزىنى ئەسلى ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان Lightning ئېغىزىدىن USB-C گە ئۆزگەرتىشنى قارار قىلغان.
More Stories
ترامپ:خىتاي پرېزىدېنتى شى جىنپىڭ بىلەن كېلىشىم تۈزۈش ئىنتايىن قىيىن!!
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى فرانسىيەدە خۇاۋېي، خىكۋىژىن، داخۇئانىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا شېرىكلىك جنايتى توغرىسىدا قانۇنىي شىكايەت سۇندى
خىتاينىڭ يېڭى سۈنئىي ئەقىل قورالى توغرىسىدىكى ئەندىشىلەر