ئىلھام توختىنى قوللاش گۇرۇپپىسى خىتاي كونسۇلى ئالدىدا رەسىم كۆرگەزمىسى ئاچتى
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2023-يىلى 22-فېۋرال
ھەبىبۇللا ئىزچى
ئىلھام توختىنى قوللاش ھەرىكىتى بۈگۈن بېرلىندىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئىز-دېرەكسىز يوق قىلىنغان، تۇتقۇن قىلىنغان، لاگېرغا سولانغان ۋە ناھەق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن 44 كىشىنىڭ رەسىملىرى بىلەن نامايىش قىلدى.
گېرمانىيەدە ئىلھام توختىنى قوللاش گۇرۇپپىسى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان رەسىم كۆرگەزمىسى قايتا باشلىدى. ئىككى سائەتلىك كۆرگەزمە جەريانىدا ئۆتكەن كەچكەنلەرگە زالىم خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە قارشى ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى، جۈملىدىن 400 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر زىيالىيسىنىڭ ئىز-دېرەكسىز يوق قىلىنغانلىقى، مىليونلىغان خەلقنىڭ جازا لاگېرلىرىغا سولانغانلىقى، ناھەق تۈردە ئۇزۇن يىل قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى چۈشەندۈرۈلگەن گېرمانچە ۋە ئۇيغۇرچە تەشۋىقات ۋاراقلىرى تارقىتىلدى.
More Stories
ئامېرىكا-ختاي سودا ئۇرۇشدىكى ئامېرىكا سۆھبەت ۋەكىلى كىم ؟
ئۇيغۇر مەجبۇرى (قۇل) ئەمگەككە نارازىلىق بىلدۈرۈش ھەرىكەتلىرى
ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى رەئىسى ئەلفىدار دۆلەت مەجلىسدە ختاينىڭ«دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇشى ۋە ئامېرىكىنىڭ ئئىنكاسى»تېمىسىدا گۇۋاھلىق بەردى