تۇرغۇنجان
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 2021- يىلى 7- يانۋار
تېسلا (Tesla) ۋە بوشلۇق تېخنىكا شركىتى (Space X ) قۇرغۇچىسى ئىلان ماسك (Elon Musk ) نىڭ بايلىقى تىز سۈرئەتتە ئېشىپ، تور سودا شركىتى ئامازون (Amazon ) قۇرغۇچىسى جىف بىزەستىن ھالقىپ، بىرىنچى بايغا ئايلاندى. ئۇنىڭ نۆۋەتتىكى بايلىقى 185 مىلىيارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن بولۇپ، تېسلانىڭ پاي چېكى ئۆتكەن بىر يىلدا ئىلان ماسكقا 100 مىلىيارد دوللاردىن ئارتۇق بايلىق قوشقان. چارشەنبە كۈنى بايدىننىڭ سايلام نەتىجىسى تېخنىكا شركەتلىرىنىڭ پاي چىكىدە چېكىنىش پەيدا قىلدى، چۈنكى دېموكراتچىلار تېخنىكا شركەتلىرىنى تۈزۈملەشتۈرۈشنى چېڭىتىدىغان بولۇپ، بۇ تېخنىكا شركەتلىرىنىڭ بۇرۇنقىدەك غايەت زور پايدا ئېلىشىغا چەك قويۇشقا ئالاقىدار تۈزۈملەرنى، جۈملىدىن باج قوشۇش، سانلىق مەلۇماتلارنىڭ بىخەتەرلىكى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
More Stories
غەربتىكى كۈچلۈك ختايلار-لوس ئانژېلېس ۋاقىت گېزىتىنىڭ خوجايىنى، مىلياردېر پاترىك شيۇڭ (Patrick Soon-Shiong )
نيۇيوركتا «ئۇيغۇر لەغمەنخانىسى» روزى ھىيتتا رەسمى تىجارەت باشلايدۇ
ئىلان ماسك نىقاۋىنى ئاچتى :«ختاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇشى «ئىككى تەرەپلىك» ئش,تەيۋەن-جۇڭگونىڭ زېىمىنى»