نويابىر 24, 2025

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى -مەڭگۈ ئ‍ۇيغۇر ئ‍ۈچۈن سۆزلەيمىز!

ئىگە-چاقىسز ئۇيغۇر ئ‍ستانبۇلدا كېسەل بىلەن ۋاپات بولغان

ئەكبەرجان ۋاپات ولدى

ئىگە-چاقىسز ئۇيغۇر ئ‍ستانبۇلدا كېسەل بىلەن ۋاپات بولغان

ئىجتىمائى تاراتقۇلاردىن ئىلىندى.8-نويابىر

ئىجتىمائى تاراتقۇلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، سۈرەتتىكى ئەكبەرجان ئىسملىك ئۇيغۇر كىشى 11 – ئاينىڭ 7 – كۈنى ئىستانبۇلدىكى بىر دوختۇرخانىدا ۋاپات بولغان. بۇ كىشىنڭ كەسپى ئاشپەز بولۇپ، ئاقسۇدىن ئىكەن.

تۈركىيەدە ھېچقانداق ئۇرۇق – تۇغقىنى يوقكەن، ئۆزى يالغۇز ياشغانىكەن. ئاغرىپ يېتىپ قالغىلى 8 – 10 كۈن بولغان بولۇپ، تاسادىپىي يوقلاپ كىرگەن كىشىلەر ئەھۋالنى بىلىپ، دەرھال جىددىي قۇتقۇزۇش چاقىرىپ، دوختۇرخانىغا ئىلىپ بارغان. 3 – 4 كۈن ئەتراپىدا جىددىي قۇتقۇزۇشتا داۋالىغان بولسىمۇ، ساقىيالماي ۋاپات بولغان.

بۇ كىشنىڭ ئاخىرەتلىكىنڭ خەيرلىك بولۇشنى تىلەيمىز، دوست-يارەنلىرىگە، ئۇرۇق-تۇققانلىرىغا ئېسەنلىك تىلەيمىز. بۇ يازمىنى سوسيال مېديادا ئورتاقلاشقان كىشلەرگە رەھمەت ئىيتىمىز.

ئاگېنىتلىقىمىزدىن تەۋسيە: ئۇيغۇرغا كۆڭۈل بۆلۈش-ھەممىمىزنىڭ بۇرچى.ئۇرۇق-تۇققىنى بولمىغان كىشلەرنى يالغۇز قويمايلى.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

Copyright © All rights reserved. | Newsphere by AF themes.