نويابىر 24, 2025

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى -مەڭگۈ ئ‍ۇيغۇر ئ‍ۈچۈن سۆزلەيمىز!

ھىندستان بابۇر مەسجىدى ئورنىغا ئەڭ چوڭ بۇددا «رام»ئىبادەتخانىسنى سالدى.

ھىندستان

Glimpses of Pran Pratishtha ceremony of Shree Ram Janmaboomi Temple in Ayodhya, Uttar Pradesh on January 22, 2024. PM presents on the occasion.

ھىندىستان باش منستىرى مودىنىڭ ئاساسلىق غايىسى بولغان ھىندستاننى كۈچلۈك دۆلەت قىلىش پىلانى ئىچىدە ھىندىتىۋا (ھىندى دىنى بىلەن مىللەتچىلىكىنىڭ يۇغۇرۇلمىسى) مەركەز بولۇپ، ئۇ ھىندستاندىن مۇسۇلمانلارنىڭ سياسى ۋە مەدەنى تەسىرىنى يوقىتىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

بابۇر مەسجىدى-1528-1529-يىللىرى بابۇر شاھنىڭ ھىندستاننى ئ‍شغال قىلغان سەركەردىسى مىر باقى تەرىپىدىن سلىنغان بولۇپ، ھىندستان ۋە دۇنيادىكى چوڭ ۋە قەدىمى مەسجىدلەرنىڭ بىرى ئىدى، 1992-يىلى ھىندىتىۋاچىلار قانلىق توپىلاڭ كۆتۈرۈپ، مەسجىدنى چېقىپ تاشلىدى ۋە 2000 دىن ئارتۇق مۇسۇلماننى ئۆلتۈردى.

بىر قسم تارىخىچىلار بابۇر شاھ ۋە ئۇنىڭ ھىندستانغا ئەۋەتكەن قوشۇنىنى ئۇيغۇر نەسلىدىن بولغان دەپ تەرىپلەيدۇ.

مەزكۇر رام ئىبادەتخانىسى ئۇتتار پىرادىش ئۆلكسنىڭ ئايودخا ( Ayodhya)دىگەن يېرىگە سلىنغان بولۇپ، ئىچىلىش مۇراسمىغا مودى 8000 دىن ئارتۇق مۇھىم سياسى، سەنئەت، ئېقتساد ساھەسدىكى كىشلەرنى چاقىرىپ تەبرىكلىگەن .10 مىڭدىن ئارتۇق ساقچى بېخەتەرلىكنى قوغداشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

ئۆكتىچى پارتىيە كونگىرەس پارتيسى ۋە نۇرغۇن مۇسۇلمان پائالىيەتچىلەر مەزكۇر ئىبادەتخانا قۇرۇلۇشنى ئەيىپلىدى ۋە ئۆچمەنلىك سىموۋالى دەپ تەسۋىرلىدى.

ھىندىتىۋاچىلار «بۇ -مۇسۇلمان ئ‍شغالچىلارنىڭ ھىندستاندىكى سموۋلىغا خاتىمە بىرىپ، ھىندىستاننىڭ قەد كۆتۈرگەنلىكىنى نامايان قىلىدىغان بەلگە »دەپ تەشۋىق قىلدى.

ھىندستاندا ئۆتكەن 10 يىلدىن بىرى، مۇسۇلمانلارغا قارشى ناھايتى كۈچلۈك ئۆچمەنلىك ئەۋج ئالغان بولۇپ، ئ‍سلام دۇنياسنىڭ قارشى سادالىرى يتەرلىك بولمىدى.

ھىندستاننىڭ ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتيسى ب جى پ ياۋروپادىكى بىر قسم دۆلەتلەر تەرىپىدىن قاتتىق تەنقىدكە دۇچ كەلسمۇ، ئەمما ئامېرىكا ھىندىستان ئارقىلىق ختاينى چەكلەشنى باھانە قىلىپ،ھىندستاننىڭ مۇسۇلمانلارغا قاراتقان جىنايەتلىرىگە يتەرلىك ئىنكاس قايتۇرمىغانلىقى تەنقىدكە دۇچ كەلمەكتە.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

Copyright © All rights reserved. | Newsphere by AF themes.