2020-1-29
ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى
29- يانۋار، گوللاندىيە پارلامىنتى ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا يىغىن ئىچىپ ئىككى سائەتتىن ئارتۇق توختالدى. يىغىنغا گوللاندىيەدىكى ھاكىم پارتىيە ھۆرلۈك ۋە دىموكراتىيە پارتىيەسى ۋە باشقا پارتىيە ۋەكىللىرى قاتناشتى. ئوڭچىل مىللەتچى خىرت ۋىلدىرس ۋەكىللىكىدىكى ھۆرلۈك پارتىيەسىدىن باشقا پارتىيەلەرنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇرلارنى قوللاپ، ئۇيغۇرلارغا يار- يۆلەكتە بولۇش توغرىسىدا 9 تۈرلۈك تەكلىپ- لاھىيە سۇنۇلدى. تۈرك مۇسۇلمانلار ۋەكىللىكىدىكى تەپەككۇر پارتىيەسى ۋەكىلى تۇناخان كۇزۇ كۆپ كۈچ چىقاردى. گوللاندىيەدىن بىر قىسىم جامائەت بىرىپ يىغىننى نەق مەيداندىن ئاڭلىدى. بۇ 9 تۈرلۈك تەكلىپ- لاھىيە يەنە يىقىن كەلگۈسىدە ئاۋازغا قويۇلۇپ، رەسمىيلەشسە قانۇن بولۇپ يۈرگۈزۈلگۈسى.
يىغىندا يەنە، گوللاندىيەدىكى داڭلىق تىلىفۇن ئالاقە شىركىتى KPN خىتاي بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇچۇرلىرىنى توپلاۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، جىددىي تەكشۈرۈشكە بۇيرۇلدى.
مۇناسىۋەتلىك مەنبەلەر:
https://debatdirect.tweedekamer.nl/…/politieke-heropv…/video
More Stories
ئارگېنتىنا يۇقىرى جىنايى سوت مەھكىمىسى ئۇيغۇرلارغا قارشى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دېلوسىنىڭ ئاساسنى قوبۇل قىلدى
خەت: بىز لېيبور پارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ھەققىدىكى قارارىدىن ۋاز كەچكەنلىكىدىن ئۈمىدسىزلەندۇق
2024-يىلى ب د ت دا ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغان دۆلەتلەرنىڭ سانى 15 كە چۈشۈپ قالدى