نويابىر 24, 2025

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى -مەڭگۈ ئ‍ۇيغۇر ئ‍ۈچۈن سۆزلەيمىز!

گوللاندىيە باش منستىرى كۆچمەنلەر كىرزىسى سەۋەبىدىن ئ‍ستپا بەردى، كۈزدە يېڭى سايلام ئىلىپ بىرىلىدۇ

گوللاندىيە باش منستىرى كۆچمەنلەر كىرزىسى سەۋەبىدىن ئ‍ستپا بەردى، كۈزدە يېڭى سايلام ئىلىپ بىرى

 

مەرغۇبە، ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 8-ئ‍يۇل

 

گوللاندىيە بىرلەشمە ھۆكۈمىتى كۆچمەنلەر مەسلىسىدە بىر كىلىشىمگە كىلەلمىگەنلىكى سەۋەبىدىن تاقالدى.باش منستىرى مارك رۇس ( Mark Rutte) ھۆكۈمەتتىن ئ‍ستىپا بەردى.مارك رۇس 2010-يىلى باش منسترلىك ۋەزىپىسگە ئ‍ولتۇرغان بولۇپ، بۇ يىل 56 ياش، ئۇ ھازىر ياۋروپادىكى ئەڭ ئۇزۇن ۋەزىپىدە تۇرغان ئەمەلدار ھسابلىنىدۇ.

مارك رۇسنىڭ سياسى پارتىيسى ( VVD party ) ئوتتۇرىغا قويغان كۆچمەنلەرنىڭ سانىنى چەكلەش ھەققىدىكى لايىھەگوللاندىيەگە بىرلىشپ ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان 4 سياسى پارتىيەدىن ئىككى پارتىيەلىبراللار 66 پارتىيەسى بىلەن خىرستىئانلار ئىتتپاقى پارتىيسنىڭ قارشىلىقىغا دۇچ كەلگەن.

 

ئۇ بۈگۈن  مۇخبىرلارغا بىرلەشمە ھۆكۈمەتنىڭ ئايلاردىن بىرى كۆچمەنلىك سياسىتىدە بىرلىككە كىلەلمىگەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ گوللاندىيە پادىشاھىغا ئ‍ستىپانامە تاپشۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.گوللاندىيە ياۋروپادىكى كۆچمەنلەر كۆپ بارىدىغان جايلارنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ يىل يىرىم يىلدا بارغان كۆچمەنلەرنىڭ سانى 46 مىڭ بولۇپ،  يىل ئاخىرىغىچە 70 مىڭ بولىدىغانلىقى ، 2015-يىلقىدىن ئ‍شپ كېتىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.

گوللاندىيە ئا ن پى نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، سايلام 11-ئاينىڭ ئوتتۇرىدا ئۆتكۈزۈلۈشى مۇمكىن ئىكەن.

كۆچمەنلەر مەسلىسى-ياۋروپانىڭ دۆلەت بېخەتەرلىكى ۋە ئېقتساد مەسلىسىگە ئوخشاش،ئەڭ جىددى ۋە  ئاساسلىق سياسى مەسلىسگە ئايلاندى.

 

 

 

Copyright © All rights reserved. | Newsphere by AF themes.