نويابىر 24, 2025

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى -مەڭگۈ ئ‍ۇيغۇر ئ‍ۈچۈن سۆزلەيمىز!

غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت يادىكارلىقى ــ «سۇ نەزىرى بايرىمى»

سۇ نەزىرى (بۇلاق تازىلاش بايرىمى) ـــ شىنجاڭدىكى بىردىنبىر سۇ تېجەش، سۇنى قەدىرلەش، سۇنى كۆپەيتىش مەقسەت قىلىنغان، ئامما ئۆزلۈكىدىن تەشكىللىنىپ مۇقام، مەشرەپ تەنتەنىسى ئىچىدە ئۆتكۈزىدىغان يەرلىك، ئەلئارا ئەنئەنىۋى بايرام. قومۇل ۋىلايىتى ئاراتۈرۈك ناھىيە باي يېزىسىنىڭ «بۇلاق تازىلاش بايرىمى» 2007-يىلى 23-ئاپرېل ئاپتونوم رايون تەرىپىدىن غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش تىزىملىكىگە رەسمىي كىرگۈزۈلگەن.

سۇ نەزىرى (بۇلاق تازىلاش بايرىمى) ـــ شىنجاڭدىكى بىردىنبىر سۇ تېجەش، سۇنى قەدىرلەش، سۇنى كۆپەيتىش مەقسەت قىلىنغان، ئامما ئۆزلۈكىدىن تەشكىللىنىپ مۇقام، مەشرەپ تەنتەنىسى ئىچىدە ئۆتكۈزىدىغان يەرلىك، ئەلئارا ئەنئەنىۋى بايرام. قومۇل ۋىلايىتى ئاراتۈرۈك ناھىيە باي يېزىسىنىڭ «بۇلاق تازىلاش بايرىمى» 2007-يىلى 23-ئاپرېل ئاپتونوم رايون تەرىپىدىن غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش تىزىملىكىگە رەسمىي كىرگۈزۈلگەن. 100 يىللىق تارىخقا ئىگە بۇ بايرامدا ئاساسەن باي يېزىسىدىكى ساقلىنىپ كەلگىنىگە 200 يىلدىن ئاشقان كارىز ۋە ئېرىق-ئۆستەڭلەر تازىلىنىدىغان بولۇپ، بۇ كارىز ھازىرغا قەدەر باي يېزىسىدىكى 2000 مو ئېتىز ۋە ئوت-چۆپلۈكنى سۇغۇرۇپ كەلمەكتە.

Copyright © All rights reserved. | Newsphere by AF themes.