يەلكىن
2020-11-6
ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى
گېرمانىيە ئالاھىدە ئاخبارات تەشكىلاتىنىڭ سابىق باشلىقى خىتاينىڭ دۇنياغا ھۆكۈم قىلىشقا بەك يېقىنلاشقانلىقىنى ۋە ياۋروپانىڭ بۇ تەھدىتىنى بايقىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى گېرمانچە فېدېراتسىيە ئاخبارات تەشكىلاتنىڭ 2011- 2016 يىللىرىدا باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى يۈرگۈزگەن گېرھارد شىندلەر، ياۋروپانىڭ بولسا خىتاينىڭ كۈچ ۋە تەسىرىنى كېڭەيتىشى تەشەببۇسىنى «قىسمەن» بايقىغانلىقىنى سۆزلىدى.شىندلەر، خىتاينىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى تېخنىكا شىركىتى خۇاۋېينىڭ بازارلارغا سالغان 5G تېخنىكىسى ئۈچۈن « شۇ دەرىجىدە ئىلغاركى، بېيجىڭغا ئۇچۇر ئەۋەتىدىغان <ئارقا دەرۋازا> مۇ ئەمەسمۇ بىلمەك مۇمكىن ئەمەس» دېدى.گېرمان ئاخبارات خادىمى، « بىرەر جىددىي ئەھۋالدا <ئالاقىلىشىشى تورىنى كېسىۋېتىمىز> تەھدىتىنىڭ قارارلىرىڭىزغا تەسىر قىلىشىنى پەرەز قىلىش قىيىن ئەمەس» دېدى ۋە قوشۇمچە قىلىپ « خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزدە ئىش ۋە تىجارەت مۇناسىۋەتلىرى نېگىزلىك رول ئوينايدۇ . خىتايغا قىسمەن بېقىنىمىز، ئەمما بۇ بېقىندىلىقنى پۈتۈنلەي بېقىندىلىق ئەھۋالىغا كېلىپ بولغاندىن كېيىن تۈزەلتەلمەيمىز ياكى يوقىتالمايمىز.خىتاينىڭ ناھايىتى جىمجىت ۋە ھىيلىگەرلىك بىلەن ئىلگىرىلەۋاتقانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان شىندلەر، « خىتاينىڭ بۇ ھۆكۈمرانلىق تەسىرىنىڭ ياۋروپادا ھېس قىلىنماسلىقى تولىمۇ قويغۇلۇق بىر ئەھۋال» دېگەن ئىپادىلەرنى قوللاندى.
مەنبە: تۈركىيە ئاناتولىيە ئاگېنتىلىغى 2020 – 26 – ئۆكتەبىر خەۋىرىhttps://www.milliyet.com.tr/…/alman-ajan-uyardi-cin…
More Stories
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي كومپارتىيەسى بىلەن رىقابەتلىشىش ئالاھىدە كومىتېتى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى تېمىسىدا گۇۋاھلىق يېغىنى ئۆتكۈزىدۇ
گوۋېنگۇي قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن تۇرالغۇسىغا ئوت كەتكەن
ماركو رۇبىيو پات يېقىندا كوۋىد ۋىرۇسىنىڭ كېلىش مەنبەسى ھەققىدىكى ھۆججەتلەرنى ئاشكارىلايدىغانلىقىنى جاكارلىدى