فېۋرال 24, 2026

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى -مەڭگۈ ئ‍ۇيغۇر ئ‍ۈچۈن سۆزلەيمىز!

ئەركىن تۇنىياز ئۈرۈمچى يەرمەنكسىگە كەلگەن پاكستان ۋە ئىران باش ئەلچىلىرى بىلەن كۆرۈشكەن

ختاي پىروپاگانداسى بولغان شنجاڭ تېلىۋىزىيەسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 8-نۆۋەتلىك ياۋرو-ئاسيا يەرمەنكىسگە قاتنىشش ئۈچۈن ئ‍ۈرۈمچىگە كەلگەن ئىران باش ئەلچىسى ھاشىمى ۋە پاكستان باش ئەلچىسى بەختىيار بىلەن كۆرۈشۈپ، ئاتالمىش «ختاي-شنجاڭ» بىلەن پاكستان ، ئاتالمىش «ختاي-شنجاڭ» بىلەن ئىران ئوتتۇرسىدىكى سودا، تېخنىكا ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەققىدە سۆھبەتلەشكەن. باش ئەلچىلەر ئاتالمىش شنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى ماختىغان ۋە ئاتالمىش شنجاڭنىڭ ئىلغار تېخنىكا ۋە تەرەققىيات ئەندىزىلىرىدىن ئۆگىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.