نويابىر 24, 2025

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى -مەڭگۈ ئ‍ۇيغۇر ئ‍ۈچۈن سۆزلەيمىز!

ئەنگىلىيە باش ۋەزىرى كۈچلۈك بولغان «ئەنگلىيە-خىتاي مۇناسىۋىتىنى خالايمىز»دىدى، «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى»نى تىلغا ئالمىدى.

ئەنگىلىيە باش ۋەزىرى

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 18-نويابىر

ئەنگىلىيە باش ۋەزىرى كېئىر ستارمېر برازىلىيەدىكى G20 يىغىنىدا ختاي دۆلەت رەئىسى  شى جىنپىڭ  بىلەن كۆرۈشۈپ، ئىككى دۆلەت ئۈچۈن ”كۈچلۈك ئەنگلىيە-خىتاي مۇناسىۋىتى“نىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.

بۇ كۆرۈشۈش 2018-يىلدىن بېرى ئەنگلىيەنىڭ باش مىنىستىرىنىڭ خىتاي پرېزىدېنتى بىلەن بولغان تۇنجى يۈزمۇ-يۈز كۆرۈشىشى بولۇپ، بۇنىڭدىن بۇرۇن ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر بىر قاتار مەسللەر تۈپەيلىدىن يامانلاشقان.

كېئىر ستارمېر: ”ئەنگلىيە قانۇننىڭ ئۈستىنلىكىگە سادىق، ئىشەنچلىك، ۋە مۇستەقىل بولغان دۆلەت سۈپىتىدە ھەرىكەت قىلىدۇ.“

برازىلىيەدىكى كۆرۈشۈشتىن بۇرۇن، باش مىنىستىر مۇنداق دېگەن: ”خەلقئارا سەھنىگە قاتنىشىش ئەنگلىيەنىڭ مەنپەئەتىگە توغرا كېلىدۇ – بۇ يېقىن ھەمكارلارىمىز بىلەن كۈچلۈك ۋە مېۋىلىك ھەمكارلىق قۇرۇشنى ۋە قىممەتلىرىمىز پەرقلىق بولغان دۆلەتلەر بىلەن راستچىللىق بىلەن سۆزلىشىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ”دۇنيادىكى يېتەكچى ئىقتىسادىي دۆلەتلەر بىلەن يېقىن ھەمكارلىق ئەنگلىيەگە كىرەكلىك مەبلەغ تارتىش ۋە خىزمەت ئورۇنى يارىتىش ئۈچۈن زۆرۈر.“

شى جىنپىڭ: ”خىتاي ۋە ئەنگلىيە سودا، سەرمايە، پاكىز  ئېنېرگىيە، مالىيە خىزمەتلىرى، سەھىيە ۋە خەلقنىڭ ياخشى تۇرمۇشىنى ياخشلاش ساھەلىرىدە كەڭرى ھەمكارلىشش پۇرسىتى بار.»

ئۆتكەن ئايدا ئەنگىلىيە تاشقى ئ‍شلار منستىرىنىڭ ختايغا زىيارەتكە بىرىىشى، شۇنداقلا لايبور پارتىيسنىڭ «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى»نى ئ‍تىېراپ قىلىش مەيدانىدىن ۋاز كەچكەنلىكى تەنقىدكە دۇچ كەلگەنىدى.ئۇيغۇر پائالىيەتچى رەھىمە ماھمۇت ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قارارىنى تەنقىد قىلغانىدى.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

Copyright © All rights reserved. | Newsphere by AF themes.