ئەڭ يېقىنقى تۈركىيە خەۋەرلىرى (3-سېنتەبىر)
تۇرسۇنجان
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 3-سېنتەبىر
قىستۇرما ئېلان:
(ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى -ئۇيغۇرلار ئۈچۈن سۆزلەيدۇ!
ئۇيغۇرچە خەۋەر ئوقۇسىڭىز، ئۇيغۇرچە تەپەككۇرىڭىز كۈچىيىدۇ، ئۇيغۇر تىلىڭىز ساقلىنىدۇ!)
1. رويتىرس: تۈركىيەدە يەنە مال باھاسى ئۆرلىدى. ئۆيلەرنىڭ توك باھاسى 20 %ئۆسىدۇ.پۇل پاخاللىقى 80 % گە چىقتى.
2. بىلومبىرگ : ئەردوغان ئۆزىنىڭ ئالىي مەسلىھەتچىسى سەركان تارانئوغلۇنى چىرىكلىككە چېتىلىپ قالغانلىقى ئۈچۈن ئىشتىن بوشاتتى.
3. ۋاشىنگتون پوچتىسى : تۈركىيە ئىقتىسادى كرىزىسقا يۈزلەنگەنسېرى بۇرۇن دۈشمەنلەشكەن دۆلەتلەر بىلەن مۇناسىۋەتنى ياخشىلاشقا، ئۇلار بىلەن ئىقتىسادى ئالاقىنى كۈچەيتىشكە باشلىدى، بۇلار ئىسرائىلىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە ھەتتا سۈرىيە قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
4.بىلومبىرگ: ئىقتىساد چېكىنگەنسېرى، تۈركىيەدە كۆچمەنلەرگە بولغان نارازىلىق كۈچەيمەكتە.
5.دۆلەت ئەنئەنىسى: تۈركىيە ناتودىن گىرېتسىيە مەسىلىسىدە بىتەرەپ تۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.
6.ئامېرىكا تۈركىيەنى رۇسىيە بىلەن داۋاملىق يېقىنلاشسا، ئىقتىسادى جازاغا دۇچ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، ئەردوغان بۇ ئاگاھلاندۇرۇشنىڭ ھېچبىر قىممىتى يوق دېدى.
More Stories
تۈرك دۇنياسى خەلقئارا ئەدەبىيات-سەنئەت فېستىۋالىغا ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشتى
تۈركىيە دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگىنى «مىللىي ئىستىخبارات تەشكىلاتى» 7 نەپەر خىتاي جاسۇسىنى تۇتقان
پ ك ك قورال تاشلايدىغانلىقىنى جاكارلىدى: ئوتتۇرا شەرقتە يېڭى ئۆزگىرىش