گېرمانىيەنىڭ دۈسسەلدوف شەھىرىدە نامايىش ئۆتكۈزۈلدى
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 17-سېنتەبىر
17- سېنتەبىر شەنبە كۈنى گېرمانىيەنىڭ دۈسسەلدوف (Düsseldorf)شەھىرىدە ،خىتايغا قارشى نامايىش بولدى.
فاشىست خىتاينىڭ كارانتىن باھانىسى بىلەن، ئۇيغۇرىستاننىڭ غۇلجا، تۇرپان، ئۈرۈمچى ۋە كورلا قاتارلىق شەھەرلەردە ئۇيغۇرلارنى ئۆيلىرىگە سولاپ، ئاچ قويۇش ۋە ئوزۇق-تۈلۈكىنى ۋاقتىدا تەمىنلىمەسلىك ۋە يا قەستەن ئاچ قويۇش ئارقىلىق، سۈنئىي ئاچارچىلىق پەيدا قىلىشتەك قەبىھ ئىنسانلىققا زىت بۇلغان جىنايەتلىرىگە قارشى، دۈسسەلدۇفتكى ئۇيغۇر ياشلىرى مەزكۇر نامايىشنى تەشكىللىگەن. مەزكۇر نامايىشقا نوردخايىن ۋىست فالىن (Nordrhein Westfalen)ئۆلكىسىدىكى ۋە ئەتراپتىكى ئۆلكىلەردىن كەلگەن 40 يېقىن ئۇيغۇر ۋە ئاز ساندا تۈركلەرمۇ قاتناشقان.
بۇ نامايىش شۇ يەر ۋاقتى سائەت 14:00 باشلاپ، سائەت 16:30 تە، ساقچىلارنىڭ قوغدىشى ئاستىدا، ھېچبىر توسالغۇسىز ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، نامايىش دۈسسەلدۇف پويىز بېكىتىدىن باشلاپ، دۈسسەلدۇفتكى نوردخايىن ۋىست فالىن (Nordrhein Westfalen)ئۆلكىلىك پارلامېنت بىناسىنىڭ ئالدىدا، قىسقىچە سۆز قىلىش بىلەن ئاخىرلاشتى.
More Stories
ئامېرىكا-ختاي سودا ئۇرۇشدىكى ئامېرىكا سۆھبەت ۋەكىلى كىم ؟
ئۇيغۇر مەجبۇرى (قۇل) ئەمگەككە نارازىلىق بىلدۈرۈش ھەرىكەتلىرى
ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى رەئىسى ئەلفىدار دۆلەت مەجلىسدە ختاينىڭ«دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇشى ۋە ئامېرىكىنىڭ ئئىنكاسى»تېمىسىدا گۇۋاھلىق بەردى