نويابىر 24, 2025

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى -مەڭگۈ ئ‍ۇيغۇر ئ‍ۈچۈن سۆزلەيمىز!

دونالدا تىرامپ كېسەك دۆلەتلەر بىرلەشمىسگە 100% تاموژنا بېجى بىلەن تەھدىت سالدى

تىرامپ-دوللار

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 1-دىكابىر

نيۇيورك ۋاقىت گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامىرىكا پرېزىدېنتلىقىغا سايلانغان دونالد ترامپ ، خىتاي ۋە روسيە رەھبەرلىگىدىكى برازىلىيە ، روسىيە ، ھىندىستان ، جەنۇبىي ئافرىقا ، مىسىر، ئېفوپپىيە ، ئىران ، ئەرەپ بىرلەشمە خەلىپىلىگى قاتارلىق كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىگە بايانات ئىلان قىلىپ، ئەگەر ئۇلار دوللارنىڭ ئورنىنى ئالىدىغان يېڭى پۇل ئىلان قىلسا، ئامىرىكىنىڭ بۇ كېسەك ئالتۇن دۇلەتلىرىدىن ئىمپورت قىلىدىغان ماللىرىغا 100% تاموژنا بېجى ئالىدىغانلىقى توغرىسىدا تەھدىد سالغان .

تىرامپنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتى:

”كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى كۆز ئالدىمىزدا دوللاردىن يىراقلاشماقچى بولۇۋاتىدۇ دېگەن قاراشنىڭ دەۋرى كەتتى. بىز بۇ دۆلەتلەردىن ئۆزلىرىنىڭ يېڭى پۇلىنى بارلىققا كەلتۈرمەيدىغانلىقىنى ، ياكى باشقا ئامېرىكا دوللىرىنىڭ ئورنىنى ئالىدىغان باشقا بىر پۇلنى قوللىمايدىغانلىقىغا ۋەدە بىرىشنى تەلەپ قىلىمىز.بولمىسا ئۇلار % 100لىك تاموژنا بېجىغا دۇچ كېلىدۇ، شۇنداقلا ئامېرىكىنىڭ بازىرىغا مال سېتىش ئۈمىدىدىن خوشلىشدۇ. بولمىسا ئۇلار باشقا بىر «ئەخمەق» نى تاپسا بولىدۇ. كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ خەلقئارا سودىدا ئامېرىكا دوللىرىنىڭ ئورنىنى ئېلىش پۇرسىتى يوق ،بۇنىڭغا ئۇرۇنغان ھەر قانداق دۆلەت ئامېرىكا بىلەن خوشلىشىشى كېرەك.»

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

Copyright © All rights reserved. | Newsphere by AF themes.