ئامېرىكا سابىق پرېزىدېنتى دونالد تىرامپ نيۇ-يوركتا تۇنجى قېتىم جىنايەتچى سۈپىتىدە سوتقا چىقتى، ئىچكى بۆلۈنۈش يۇقىرى پەللىگە چىقماقتا
تۇرسۇنجان
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2023-يىلى 5-ئاپرېل
ئامېرىكا سابىق پرېزىدېنتى دونالد تىرامپ 4-ئاپرېل كۈنى نيۇ-يورك شەھىرىدە سوتقا چىقتى، تىرامپ 34 تۈرلۈك جىنايەت بىلەن ئەيىبلەندى، سوتتا ئۇ ئۆزىنى گۇناھسىز دەپ ئاقلىدى. سوتچى تاراتقۇلارنى نەق مەيداندىن فىلىمغا ئىلىشقا رۇخسەت قىلمىغان.
تىرامپ 2016-يىلى پرېزىدېنت نامزاتى سۈپىتىدە سايلامغا قاتناشقاندا، ئۆزى بىلەن غەيرىي مۇناسىۋەتتە بولغان پاھىشە ستورمى دانىيالغا خەجلىگەن 130 مىڭ دوللار ئېغىزىنى تۇۋاقلاش پۇلى تۆلەشتە قولى بار دەپ قارىلىپ سوتقا تارتىلغان.
تىرامپنىڭ جىنايەتچى بولۇپ ئەيىبلىنىشى ئامېرىكا تارىخىدا تۇنجى قېتىملىق پرېزىدېنتنىڭ سوتقا تارتىلىشى بولۇپ، جۇمھۇرىيەتچىلەر بۇنى: « دېموكراتچىلارنىڭ ئەدلىيەدىن پايدىلىنىپ سىياسىي ئويۇن ئوينىشى» دەپ ئەيىبلىدى. بۇ ئامېرىكىدا ئۆتكەن يىللاردىن بۇيانقى يۈز بەرگەن ئىچكى بۆلۈنۈشنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسى بولۇپ، ئىككى پارتىيە ۋە ئۇلارنىڭ ھىمايىچىلىرىنىڭ سىياسەت، قانۇن، ئىقتىساد قاتارلىق ساھەلەردىكى دۈشمەنلىشىشنىڭ ئېغىرلاپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
ئامېرىكا تاراتقۇلىرىدا ئىككى تەرەپ تەشۋىقات ۋە سۆز ئۇرۇشىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بولۇپ، ئىچكى سىياسەت ۋە ئىدېئولوگىيە جەھەتتىكى ئىختىلاپ ئاساسى ئېقىمنى ئىگىلەپ ماڭماقتا.
More Stories
ئامېرىكا ئۇرۇش منستىرى خىتاي بىلەن مۇناسۋىتى ھەققىدە يېڭى بايانات بەردى
ئامېرىكىدا «بىزگە پادىشاھ كېرەك ئەمەس» ناملىق نامايىش ئىلىپ بىرىلدى
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ يەنە 5 سانائىتىگە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى سەۋەبلىك چەكلىمە قويدى