دوكتۇر ھەكىمە ئەرشىدىن ۋاپات بولدى؛
كانادانىڭ ۋەنكوۋېر شەھرىدە ياشاۋاتقان دوكتۇر ھەكىمە ئەرشىدىن خانىم 2023-يىلى 18-سىنتەبىر ۋاپات بولدى.
مەرھۇمە ھەكىمە خانىم مائارىپشۇناسلىق پەنلىرى بويىچە تەربىيە كۆرگەن ۋە مائارىپى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان.ئۇيغۇر مائارىپى تەرەققىياتى ھەققىدىمۇ ئىزدەنگەن.
1980-يىللاردا كروپاتكىننىڭ «قەشقەرىيە» دېگەن كىتابىنى ئېنگلىزچىدىن تەرجىمە قىلىپ نەشر قىلغان ۋە شۇ چاغدا بۇ كىتاب ۋەتەن ئىچىدە زور تەسىرگە ئېگە بولغان.
مەزكۇر ماقالە تولۇقلىنىدۇ.