تۇرسۇنجان
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 03-فېۋرال
ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدىن ۋاشىنگتوندا 3-فېۋرال كۈنى جىددىي مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يېغىنى چاقىرىپ، ئامېرىكا ئالاھىدە قىسمىنىڭ تۈنۈگۈن كېچە سۈرىيەدىكى ھەربىي ھەرىكەتتە دائىشنىڭ خەلقئارا لېدىرى ئەبۇ ئىبراھىم ئەل ھاشىمى ئەل قۇرەيشى (Abu Ibrahim al-Hashimi al-Qurayshi)نىڭ كاللىسىنى ئالغانلىقىنى جاكارلىدى.
بايدىن مۇنداق دېدى: « ھاجى ئابدۇللا دەپ ئاتالغان بۇ تېررورچى 2019-يىلدىن باشلاپ دائىشنىڭ يېڭى لېدىرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ كەلگەن بولۇپ، ئۇ سۈرىيەدىكى مىڭلىغان بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ ھاياتىغا مەسئۇل. بىز پۇقرالارنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولماسلىق ئۈچۈن ئۇ تۇرۇۋاتقان بىنانى پارتلىتىشتىن كۆرە، نەق مەيدانغا ئالاھىدە قىسىم ئەۋەتتۇق،قورقۇنچاق ھاجى ئابدۇللا ئۆزى تۇرۇۋاتقان بىنانىڭ ئۈچىنچى قەۋىتىدە بالىلىرى ۋە باشقا ئاياللار بىلەن قوشۇپ پارتلىتىپ، ھاياتىنى ئاياغلاشتۇردى.
ئۇ يەنە مىڭلىغان يەزىدى ئاياللارنىڭ خورلىنىشى، باسقۇنچىلىققا ئۇچرىشىغا مەسئۇل. ئۇنىڭ يوقىلىشى تېررورچىلارغا بىر سىگنال. بىز بۇ ھەرىكەتكە كۈچ چىقارغان سۈرىيە دېموكراتىك كۈچلىرى ۋە كۇرد پەشمەرگە ئارمىيەسىگە رەھمەت ئېيتىمىز.»
ئامېرىكا سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايىك پومپىيو مۇنداق دېدى: «بۈگۈن ھاجى ئابدۇللانىڭ ئۆلۈمى بىلەن دۇنيا تېخىمۇ تىنچ ماكان بولغۇسى.»
More Stories
ختاي رەئىسى شى جىنپىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى
سۈرىيە ئامېرىكانىڭ قوللىشى بىلەن تۈركىستان ئىسلام پارتىيەسى (TIP)نى دۆلەت ئارمبيسگە قوشىدىغانلىقىنى ئىلان قىلدى.
ب د ت : غەززەدە ھەر بەش ئادەمنىڭ بىرى ئاچلىقتىن ئۆلۈش تەھدىتىگە دۇچ كەلمەكتە