سى ئەن ئەن –سەئۇدى ئەرەبستاننىڭ ئۇيغۇرلارنى ختتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەنلىكى ھەققىدە فىلىم ئشلىدى،ھەمشرىلەر بايدىن ھۆكۈمىتىنى–سەئۇدىدىكى دادسىنى قۇتقۇزۇشقا چاقىرماقتا.
تۇرسۇنجان،ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى
ئامېرىكا سمليق تېلۋىزىيە ئستانسى (CNN)(دىموكراتلارنى ياقىلايدىغان سول قانات تاراتقۇ) تۈنۈگۈن خەلقئارا قانىلىدا مەخسۇس ھۈججەتلىك فىلىم ئىلان قىلىپ، سەئۇدى ھۆكۈمىتىنىڭ نەچچە يىللاردىن بىرى بىگۇناھ ئۇيغۇرلارنى ختتايغا مەجبۇرى قايتۇرۇپ بەرگەنلىكى ھەققىدە خەۋەر بەرگەن.مەزكۇر ھۈججەتلىك فىلىمدە كۆرستىلىشچە،سەئۇدى ئەرەبستاندا ھازىر قاماقتا تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقان ئانا–بالا، نۇرمۇھەممەد روزى، ھەمدۇللا قاتارلىقلاردىن ھازىرغىچە ھىچقانداق خەۋەر يوق ئىكەن.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى مەزكۇر كىشلەر ھەققىدە مەخسۇس چاقىرىق تارقاتقان بولۇپ،دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار بۇلار ھەققىدە نامايىش ۋە باشقا شەكىللەر بىلەن كۆپ تېرشچانلىق قىلغان.سەئۇدى ئەرەبستان ھۆكۈمىتى ھازىرغىچە ئۇلارنىڭ تەقدىرى ھەققىدە ھىچقانداق بايانات ئىلان قىلمىدى.
More Stories
ئەنگىلىيە باش ۋەزىرى كۈچلۈك بولغان «ئەنگلىيە-خىتاي مۇناسىۋىتىنى خالايمىز»دىدى، «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى»نى تىلغا ئالمىدى.
پارتلاتقۇچ: ئەنگىلىيە ھۆكۈمەتتىكى پارتىيسى ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلىش قارارىدىن ۋاز كەچتى
مالايسيا باش منستىرى ئەنۋەر ئىبراھىم ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئاشكارا ئىنكار قىلدى، خاماسنى قوللىدى.