تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان

تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان- سياسەت پەنلىرى ۋە كىشلىك ھوقۇق تەتقىقاتچىسى، سياسى پائالىيەتچى، سابىق سياسى مەھبۇس (2005-2007)، ئامېرىكا ئاسيالىق ئامېرىكىلىقلار ئادالەت جەمئيتى پۇقرالار ھوقۇقى تەتقىقاتچىسى؛ ئۇ 2008-يىلى ئۈرۈمچىدە«ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيەت بايرىمى» تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويۇپ تەشكىللىگەن،2012-«ئۆز تۈرك ئاسپرانىت قىزلار ئوقۇش مۇكاپاتى»نى پىلانلاپ ئىجرا قىلغان،2011-«ئۇيغۇر ئىلىم مۇنبىرى»نى تەشكىللەپ، ئاممىۋى لېكسيە دولقۇنى قوزغاپ، مىللى كىملىك، بىلىم ۋە ئېقتسادى تەرەققىياتنى ئاساس قىلغان«ئۇيغۇر ئسلاھات ھەرىكىتى»نى باشلىغان، ئۇ ۋەتەندىكى «ئۆز تۈرك شركىتى» باش دىرىكتورى بولغان (2011-2015)، ئوتتۇز ئوغۇل مەبلەغچىلىك شركىتى ۋە ئوتتۇز ئوغۇل كارخانىچىلار جەمئىيتى قاتارلىقلارنى قۇرۇپ، كارخانىچىلىق ۋە ئىگىلىك باشقۇرۇش ساھەسدە جەمئىيەتكە ھەسسە قوشقان. ئۇ 2017-يىلى ئسرائىلىيە خەيفا ئۇنېۋرسېتىتىغا ئوقۇشقا بارغان ۋە 8-ئايدا ئامېرىكىغا كۆچۈپ كەلگەن. 2018-يىلى 10 خىل تىلدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىنى دۇنياغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن «ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى-Uyghur Times »نى قۇرغان.2019-يىلى تېزىمغا ئالدۇرغان ئورگان ئاساسدا، ئۇيغۇر سياسى تەرەققىياتى ۋە مىللى مەۋجۇتلۇقى تەتقىقاتى ئۈچۈن 2023-يىلى «ئۇيغۇر مىللى ئېنۇستىتۇتى»نى قۇرغان، ئوبزورلىرى -مۇھاپىزەتچى، ياۋرو-ئاسيا تەقرىزى قاتارلىق ژۇرناللاردا ئىلان قىلىنغان، ئۇ ۋاشنگىتون پوچتىسى، نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى، بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ قەرەللىك مۇھاكىمىچىسى؛ ئۇنىڭ كۆپلىگەن ئىلمى ماقالىلىرى-ئىلمى ژۇرناللاردا ئىلان قىلىنغان،ئۇ ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقىدا ۋەزىپە ئۆتىمەيدۇ.