بىزدىكى قەتلىئامنى نورماللاشتۇرۇۋېلىشنىڭ بىر قىسىم ئىپادىلىرى: دوكتور مەمتىمىن ئەلا 1. «ۋەتەندە ئۇيغۇرلار ئاساسەن ئۆلۈپ تۈگىدى. شۇڭا بىر ئىش قىلىشنىڭ ئەمدى...
مەمتىمىن ئەلا

مەمتىمىن ئەلا ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچى ۋە يازغۇچى. ئۇ يېقىنقى يىللاردىن بېرى پەلسەپە، پىسخولوگىيە ۋە جەمئىيەتشۇناسلىق قاتارلىق پەنلەرنىڭ كۆرۈش نۇقتىلىرىدىن چىقىپ تۇرۇپ، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر رېئاللىقىغا باھا بېرىپ كېلىۋاتىدۇ. ئۇ «تەكلىماكاندىن ياۋروپاغىچە»، «ئۇيغۇرلار پسىخولوگىيىلىك ئۇرۇشتا»، «ئۇيغۇر قەتلىئامى»، «ئويلىشىڭدەك ياشايسەن»، «سۆز بېشى-ئوي بېشى»، «ئۇنتۇيالمىغانلىرىم» ۋە «ئۆلۈمدىن بەتتەر: ئۇيغۇر قەتلىئامى ھەققىدە پىكىرلىنىشلەر» (ئىنگلىزچە) قاتارلىق كىتابلارنىڭ ۋە « ب د ت ئۇيغۇر قەتلىئامىنى سۇيۇلدۇرۇۋاتىدۇ» (سالىھ خۇدايار بىلەن بىللە يازغان، «يېرۇسالىم پوچتىسى»، 2022-يىل 11-سېنتەبىر)، «پەرقنىڭ ئۆلۈم توزىقى ياكى ئۇيغۇرلارنىڭ نېمىلەرنى چۈشىنىشى» («لىبېرتىز ژۇرنىلى»، 2021-يىل، كۈز)، «مۇستەقىللىق شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن مېڭىلىدىغان بىردىنبىر يول» (سالىھ خۇدايار بىلەن بىللە يازغان، «تاشقى سىياسەت ژۇرنىلى»، 2021-يىل 12-ئاۋغۇست)، «شى جىنپىڭ بىلەن دونالد ترۇمپ ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئۇرۇشىنىڭ ئاستىدا» («تاشقى سىياسەت ژۇرنىلى»، 2018-يىل 28-دېكابىر)، «شى جىنپىڭنىڭ ئۇيغۇر قەتلىئامى» («تاشقى سىياسەت ژۇرنىلى»، 2018-يىل 7-نويابىر)، «ئىككى يۈزلىمىچىلەرنى پاش قىلىش—ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ پاجىئەسى» («دىپلومات ژۇرنىلى»، 2018-يىل 12-ئۆكتەبىر)، «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى ئېلىپ بارغان پسىخولوگىيىلىك ئۇرۇشى» («تاشقى سىياسەت ژۇرنىلى»، 2018-يىل 21-سېنتەبىر) ، «<چاڭ-توزاندىن باشقا ھېچنېمە ئەمەس>–سەميۇل بېكېتنىڭ ئەسەرلىرىدە كىملىك بىلەن نامسىزلىق» (بلەكۋىل نەشرىياتى، 2009-يىل 40-سان) قاتارلىق ئىنگلىز تىلىدا يېزىلغان بىر تۈركۈم ماقالىلارنىڭ مۇئەللىپى.
‹‹خىتاي مۇستەملىكىسى ئۇيغۇرلارنىڭ داۋاملىشىۋاتقان قەتلىئامىنىڭ مەنبەسىدۇر›› «تاشقى سىياسەت ژۇرنىلى» دا ئېلان قىلىنغان ئەسلى ئىنگلىزچە ماقالىنىڭ ئۇلىنىشى:https://foreignpolicy.com/2021/08/11/independence-east-turkistan-china-uyghurs-xinjiang/ تەرجىمىدە: مەمتىمىن ئەلا مەمتىمىن...
دوكتۇر مەمتىمىن ئەلا پەقەت كۈچلۈك كىشىلەرلا ئازابىنى پەقەت ئۇنىڭ ئەڭ زۆرۈر قىسمىنىلا تاللىۋېلىش ئۈچۈن ئورۇنلاشتۇرۇشنى بىلىدۇ. –ئېمىل دورىئان...
دوكتۇر مەمتىمىن ئەلا (مەزكۇر ماقالىنىڭ ئىنگىلىزچىسى «تاشقى ئشلار ژۇرنىلى»دا ئىلان قىلىنغان.) دۇنياغا ئەمدى شۇنىسى ئايان بولدىكى، ئۇيغۇرلار 21-ئەسىردىكى ئەڭ قاباھەتلىك...