بىر خىتاي زىيالى: چېن چۈەنگو سودا ئۇرشىنى پۇل ـ مۇئامىلە ئۇرشىغا ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ
2018-يىل 4- سىنتەبىردىكى خەۋەر
مەنبە: http://www.china5000.us/?p=112303
خىتايچىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغۇچى : كۆلتېگىن
خىتاي – ئامېرىكا ئوتتۇرسدىكى ئەڭ يېڭى ئۇچۇرشۇشنىڭ نەتىجسىز ئاخىرلشىشى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرسدىكى سودا ئۇرشىنىڭ تېخمۇ كەسكىلنشدىغانلىقىدىن بىشارەت بەردى . بەزى خىتاي ئىقتسادشۇناسلىرى قارشچە، خىتاي – ئامېرىكا سودا ئۇرۇشىنىڭ كىينكى قەدىمىنى كۈزەتكەندە ، خىتاي يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى چىن چۈەنگونىڭ ئامېرىكا پارلامىنت ئەزالىرى تەرپىدىن جازالىنشنى تەلەپ قىلش ھادسىسى ، سودا ئۇرشنى پۇل – مۇئامىلە ئۇرشىغا سۆرەپ ئەكرىپ قويشى مۇمكىن ئىكەن . خىتاي زىيالى خې جىياڭ بىڭ 2018-يىل 3- سىنتەبىردە « ئالما گېزىتى » دە ئېلان قىلغان ماقالىسىدە خىتاي- ئامېرىكا سودا ئۇرشىنىڭ كىينكى تەرەقىيات جەريانى ھەققىدە ئانالىز ئېلىپ بارغان. ماقالىدە دېيلىشىچە، 8- ئاينىڭ ئوتتۇرىدا، ئامېرىكا پارلامىنت ئەزاسى ماركو روبىئو، «ۋال سچرىت يۇرنىلى» دا ماقالە ئىلان قىلىپ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ھەركىتىنى ئەيپلىگەن ۋە ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى سىياسى پارتىكوم شۇجىسى چىن چۈەنگونى خەلقئارالىق ماگىنتسكى قانۇنى بويىچە جازالاشنى تەلەپ قىلغان .8- ئاينىڭ ئاخىرىدا ، ئەركىن ئاسىيا تىلۋىزىيە قانىلىنىڭ دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا ، ب د ت بايانات ئىلان قىلىپ خىتاينىڭ تەربىيلەش لاگىرلىرىدا تۇتۇپ تۇرلىۋاتقان بارلىق شىنجاڭ مۇسۇلمانلىرىنىڭ قويۇپ بېرشىنى تەلەپ قىلغان . شۇنداقلا 17 نەپەر ئامېرىكا پارلامىنت ئەزاسى تىرامپ ھۆكۈمىتدىن خىتاي بىلەن مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈپ ، لاگىرغا تۇتۇپ سولاش ئىشلىرىغا ئالاقىدار بولغان ئەمەلدار ۋە شىركەتلەرنى جازالاشنى تەلەپ قىلغان. خې جىياڭ بىڭ نىڭ قارشچە ، ئەگەر ئامېرىكا چىن چۈەنگونى رەسمىي جازالاپ قالسا، خىتاي – ئامېرىكا سودا ئۇرشى ئومۇميۇزلۈڭ پول – مۇئامىلە ئۇرشىغا ئايلىنىپ كىتدۇ دېگەندىن دىرەك بېرىدىكەن. يەنى بۇ دېگەنلىك ، مەلۇم نوقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئامېرىكنىڭ خىتايغا قارتا پۇل – مۇئامىلە جازالاش ئېلىپ بېرشىنىڭ باشلنىشى دەپ قاراشقا بولدىكەن ۋە بۇ سودا ئۇرشىغا سېلشتۇرغاندا تېخمۇ ئېغىر بولغان ۋە ھەرقانداق ۋاقىتتا بېسۋەتسە بولدىغان « ئاتوم بومبىسى » كونۇپكسى ئىكەن. ماقالىدە ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80- يىللىرىدا ئامېرىكىنىڭ سۆۋىت ئىتپاقى ۋە ياپۇنيەگە قارتا ئېلىپ بارغان 4 قېتىملىق ئۇرشى ئەسلەپ ئۆتۈلگەن . بىرنچى قېتملىق ئۇرۇش بولسا «پىلانتلار ئارا ئۇرۇش پىلانى» بولۇپ ھەربىي ھازىرلىقلار مۇسابقىسى دەپ قاراشقىمۇ بولىدىكەن . ئىككىنچىسى بولسا ئۇرۇش فىرونتىغا يۇشۇرۇنغان باجنى كىمەيتىش جېڭى. ئۈچىنچى ياپۇنيەگە قاراتقان سودا ئۇرشى بولۇپ ئامېرىكنىڭ ياپۇنىيە بىلەن سودىدىكى پاسسىپ بالانسىنى كىچىكلەتكەن. ئەڭ ئاخىرقسى بولسا يەنە ياپۇنيەگە قاراتقان پۇل مۇئامىلە ئۇرشى دائىرسىدىكى قۇر( پۇل بىرلىكلىرى ئارسدىكى ئالماشتۇرۇش نىسبىتى) ئۇرشى بولۇپ ۋە ئامېرىكا بۇ ئۇرۇشنىڭ پەقەت يېرىمنىلا قىلغان . ھازىر ئامېرىكا ئاستا ئاستا يۇقارقى 4 خىل ئۇرۇشنىڭ ھەممىنى خىتايغا توغرىلىدى. ئامېرىكىنىڭ «ئالەم بوشلىقى ئارمىيسى » قۇرۇشتىكى نىشانى جۇڭگۇ، يەنى ھەربىي ھازىرلىقلار مۇسابىقسى ئاللىبۇرۇن يوشۇرۇن بىر شەكىلدە باشلىنىپ بولدى. سودا ئۇرشى 7- ئايدا رەسمىي باشلاندى. لىكىن كىشىلەر كۈرەلمەيۋاتقان ۋە ھىس قىلالمايۋاتقان، ئامېرىكا ئاللىبۇرۇن باشلاپ ۋە تەييارلىق قىلىپ بولغان يەنە ئىككى جەڭ بار، بۇلار باجنى كىمەيتىش جېڭى ۋە نۇرغۇن ئادەم كۆرۈپ يىتەلمەيۋاتقان پۇل موئامىلە جېڭى. ئادەتتە نۇرغۇن مۇستەبىتلەر ئامېرىكلىقلار تەرپىدىن ئۆلتۈرلىۋەتسىمۇ قانداق ئۆلگەنلىكنى بىلەلمەي قالىدۇ. پۇل مۇئامىلە ئمبارگوسىدىن ئىبارەت بۇ ئاتوم قورالىدىن ئامېرىكا ناھايتى ئوبدان پايدىلندۇ. بۇنىڭ ئىچدىكى ئەڭ موھىم بولغىنى SWIFT بولۇپ ، ئامېرىكا مالىيە ئورگىنىنڭ بۇنى ئىشلتىپ ئىستبدات دۆلەتلەرنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى بولغان ، قىرغىنچلىق ، لاگىر قۇرۇش، دىني ۋە ئېتنىك قىرغىنچلىق ئېلىپ بېرىش ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلش قاتارلىق قىلمشلىرىنى جازالاش ھوقۇقى بار. شۇنىڭ بىلەن يۇقارقىدەك جىنايەت سادىر قىلغان دۆلەت ۋە تەشكىلاتلار ئېمپورت-ئېكسپورت سودسى ئېلىپ بارالمايدۇ.ھازىرغىچە ئامېرىكا تەرپىدىن يۇقارقى سەۋەبلەر بىلەن جازالانغان دۆلەتلەردىن ۋىنسوئىلا، رۇسىيە، ئىران ،ئىراق ۋە يەمەن قاتارلىقلار بار. خى جىيابىڭ ئەڭ ئاخىرىدا، ئامېرىكىنىڭ باشقا دۆلەتلەرگە پۇل مۇئامىلە ئىمبارگوسى ئېلىپ بارغاندا ھەممىسنى ئىقتساد ۋە سودا مەسلىسى دېمەي پۈتۈنلەي كىشىلىك ھوقۇق مەسلىسى سەۋەبىدىن دەپ ئېلىپ باردىغانلىقىنى بىلدۇرۇگەن. ناۋادا ئامېرىكا ھازىر چىن چۈەنگونى جازالاش تىزمىلكى ئىچىگە كىرگۈزسە جۇڭگۇغا قاراتقان پۇل – مۇئامىلە ئۇرشى باشلانغان بولىدۇ ۋە قالغان گەپ پەقەت بۇ ئۇرۇشنىڭ كۆلىمىنڭ قانداقلىقىدىلا قالىدۇ. ئامېرىكا پارلامىنت ئەزالىرى تەرپىدىن جازالاش تەلەپ قىلنغان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى پارتىيە سېكىرىتارى چىن چۈەنگو، 2016- يىلى شىنجاڭغا يۆتكىلىپ كەلگەن . بۇرۇن بىر مەزگىل تىبەتتە ۋەزىپە ئۆتىگەن . بىخەتەرلىك مۇتەخەسىسلىرىنىڭ قارشچە ، چىن چۈەنگونىڭ ئەڭ موھىم «مۇۋاپىقيىتى » ئوخشىمغان پىكىردىكلەرنى باستۇرۇش ۋە بۇددا دىنى راھىپلىرىنىڭ ھۆكۈمەتكە بولغان نارازىلىقلىرىنى چەكلەش بولغان. شۇنداقلا شىنجاڭدىكى (شەرقىي تۇركىستاندىكى) لاگىرلارنىڭ قۇرلۇشى ۋە كىڭەيتلىشىنىڭ كۆپنچىسى چىن چۈەنگونىڭ رەھبەرلىكى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلغان. ماركو روبىئو ئامېرىكا مېدىيالىرىدا ئىلان قىلغان ماقالىسىدە مونۇلارنى بايان قىلغان ، « چىن چۈەنگو كومپارتىينىڭ سېكىرتارى بولۇش سۈپتى بىلەن شىزاڭدا باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى تەجىربىە ۋە سىناق قىلغان . شىنجاڭغا (شەرقىي تۈركىستان) شۇجى بولغاندىمۇ بۇيەردە يىغۋېلىش لاگىرىلىرىنى قۇرغان . چىن چۈەنگو بولسا قەبىھ ۋاستلىق يېڭلىق ياراتقۇچى .»