بېلگىيە مونس ئۇنېۋرستىتىدا ئۇيغۇر مەدەنىيەت كۆرىكى ئۆتكۈزۈلدى.
ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى
19-ماي
بېلگىيە مونس ئۇنىۋېرسىتى ئۇقۇغۇچىلىرى بىلەن بېلگىيە ئۇيغۇر جەمئىيتى بىرلىكتە تەييارلىغان ئۇيغۇر مەدەنىيەت پائالىيتى تۈنۈگۈن مونس ئۇنىۋېرسىتىدا ئېلىپ بېرىلدى.
بىلگىيە ئۇيغۇر جەمىيەت ئەزالىرى ۋە ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرىنىڭ تېرشچانلىقى ۋە قوللىشى بىلەن ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرى ۋە تائاملىرى تونۇشتۇرۇلدى.
پائالىيەتتە،ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ مەدەنىيتىنى تونۇشتۇرۇش، نۇمۇر ئورۇنلاش، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى تونۇشتۇرۇش دىگەن نۇقتىلار بويىچە ئىلىپ بىرىلدى.
پائالىيەتتە قاتناشقۇچى ئوقۇغۇچىلار ۋە باشقىلارغا ئۇيغۇرلارنىڭ رەڭگارەڭ مەدەنىيتى جۈملىدىن ئۇيغۇر تائاملىرى ۋە سەنئىتى ھەققىدە چۈشەنچە بىرىش ، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن مەقسەتلىك يوقىتىلىۋاتقان ئۇيغۇر كىملىكى ۋە مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇش ئاساسى تېما قىلىنىش بىلەن بىرگە، ختاينىڭ ئۇيغۇر ئۈستىدىن ئېلىپ بىرىۋاتقان ئىرىقى قىرغىنچىلىقى تونۇشتۇرۇلدى.
لاگىر شاھىدى ئومەربېك ئەپەندىم ئۆزنىڭ لاگىر سەرگۈزەشتىلىرىنى ئورتاقلىشش بىلەن پائالىيەتكە قاتناشقۇچىلارغا ختاي ھۆكۈمىتىنىڭ جنايەتلىك ماھىيتىنى تونۇشتۇردى.
سۈرەت ۋە خەۋەر مەنبەسى: بېلگىيە ئۇيغۇر جەمئىيتى
More Stories
ئامېرىكا-ختاي سودا ئۇرۇشدىكى ئامېرىكا سۆھبەت ۋەكىلى كىم ؟
ئۇيغۇر مەجبۇرى (قۇل) ئەمگەككە نارازىلىق بىلدۈرۈش ھەرىكەتلىرى
ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى رەئىسى ئەلفىدار دۆلەت مەجلىسدە ختاينىڭ«دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇشى ۋە ئامېرىكىنىڭ ئئىنكاسى»تېمىسىدا گۇۋاھلىق بەردى