نويابىر 24, 2025

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى -مەڭگۈ ئ‍ۇيغۇر ئ‍ۈچۈن سۆزلەيمىز!

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقىنىڭ يېڭى نامزاتى كۆرسىتىلدى

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقىنىڭ يېڭى نامزاتى كۆرسىتىلدى

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقىنىڭ يېڭى  نامزاتى كۆرسىتىلدى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 8-سېنتەبىر

خەلقئارادىكى بىر قانچە نوپۇزلۇق خەۋەر قاناللىرىنىڭ بۈگۈنكى ئېلان قىلغان ئۇچۇرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ب د ت باش كاتىپى ئانتونىيو گۇترېس بۈگۈن ئاۋسترىيەلىك ۋولكېر تۈرك (Volker Turk ) ئەپەندىنى «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىتېتى» نىڭ ئالىي كومىسسارلىق نامزاتىغا كۆرسەتكەن. مەزكۇر نامزات نيۇ-يوركتىكى ب د ت باش شتابىنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتكەندىن كېيىن ئاندىن ھوقۇققا تەيىنلىنىدىكەن.

ۋولكېر تۈرك ئەپەندى 1965-يىلى ئاۋسترىيەنىڭ لىنز(Linz) دېگەن يېرىدە تۇغۇلغان بولۇپ، خەلقئارا قانۇن كەسپىدە دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. ئۇ 2000-يىللارنىڭ باشلىرىدىن باشلاپ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى ئوخشىمىغان ئورۇنلاردا خىزمەت قىلىپ كەلگەن بولۇپ، 2019-يىلىدىن باشلاپ ب د ت باش كاتىپ ئىشخانىسىنىڭ  خەلقئارا ئىستراتېگىيەلىك ماسلاشتۇرۇش ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن كاتىپلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ كەلگەن.

Copyright © All rights reserved. | Newsphere by AF themes.