ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 22-سىنتەبىر
ئامېرىكا پىرەزدىنتى جوۋ بايدىن 4 دۆلەت ئېتتپاقى باشلىقلار يېغىنىغا ئۆزىنىڭ ئۆي شتاتى بولغان دىلاۋۇردا ساھىپخانلىق قىلغان بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ ئاخىرقى قېتىملىق ساھىپخانلىق قىلىشى ھسابلىنىدۇ. مەزكۇر يېغىن- ئاسيا-تىچ ئوكيان رايونى بېخەتەرلىكىگە مەركەزلەشكەن.بۇ تۆت دۆلەت: ئامېرىكا،ئاۋسترالىيە، ياپونىيە ۋە ھىندستاندىن ئىبارەت.ختاي بۇ ئېتتپاقنى ئۆزىگە قارشى تۈزۈلگەن دەپ قارايدۇ.
يېغىن جەرياندا بايدىن مۇنداق دىگەن:
”ختاي داۋاملىق تاجاۋزۇچىلىق قىلىپ،ھەدىدىن ئېشپ، پۈتۈن رايوندا بىزنى سىناۋاتىدۇ. بۇ جەنۇبىي ختاي دېڭىزى، شەرقىي ختاي دېڭىزى، جەنۇبىي ختاي، جەنۇبىي ئاسىيا ۋە تەيۋەن بوغۇزىدا شۇنداق بولۇپ كەلدى“ .
بايدېن يەنە: ”ختاي رەئىسى شى جىنپىڭ ‘ئىچكى ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقلار’غا دىققەت قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئۇ يەنە مېنىڭ قارىشىمچە، ختاينىڭ مەنپەئەتىنى ئاكتىپ قوغلىشىش ئۈچۈن ئۆزىگە دىپلوماتىك بوشلۇق يارىتىشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ“ دېگەن.
بايدىننىڭ سۆزى-بۇ گۇرۇپپىدىكى ختاي بىلەن زىدىيەتلىششتىن ئۆزىنى قاچۇرىۋاتقان ئاۋسترالىيە ۋە ھىندىستاننى قاتتىق بىئارام قىلغان.بۇ ئىككى دۆلەت ئامېرىكا بىلەن ختاي ئوتتۇرسدىكى زىدىدىيەتكە ئارىلىشپ قىلىشنى خالىمايدىغانلىقىنى، ختاي بىلەن ئېقتسادى مۇناسۋەتنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ كەلمەكتە.
More Stories
ئامېرىكا ئۇرۇش منستىرى خىتاي بىلەن مۇناسۋىتى ھەققىدە يېڭى بايانات بەردى
ئامېرىكىدا «بىزگە پادىشاھ كېرەك ئەمەس» ناملىق نامايىش ئىلىپ بىرىلدى
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ يەنە 5 سانائىتىگە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى سەۋەبلىك چەكلىمە قويدى