نويابىر 24, 2025

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى -مەڭگۈ ئ‍ۇيغۇر ئ‍ۈچۈن سۆزلەيمىز!

ب د ت : غەززەدە ھەر بەش ئادەمنىڭ بىرى ئاچلىقتىن ئۆلۈش تەھدىتىگە دۇچ كەلمەكتە

ئ‍نسان ھەقلىرى ئاخباراتى (Human Rights Press) خەۋىرى, 16-ماي

«خەلقنىڭ ھايات قېلىشى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان مال-مۈلۈكلەر يا تۈگەپ كەتتى ياكى كېلىدىغان ھەپتىلەردە تۈگەپ كېتىشى كۈتۈلمەكتە… پۈتكۈل نوپۇس يۇقىرى دەرىجىلىك كەسكىن ئوزۇق-تۈلۈك بىخەتەرسىزلىكىگە دۇچ كەلمەكتە» دېدى ب د ت نىڭ بىرلەشتۈرۈلگەن ئوزۇق-تۈلۈك بىخەتەرلىك دەرىجىسىنى تەسنىپلاش (IPC) سۇپىسى.

IPC نىڭ ئەڭ يېڭى دوكلاتىدا، غەززەدىكى ھەر بەش كىشىنىڭ بىرى – 500,000 كىشى ئاچارچىلىققا دۇچ كەلمەكتە دەپ مۆلچەرلەندى.

ئاساسلىق ئېھتىياجلىق مەھسۇلاتلارنىڭ باھاسى كەسكىن ئۆرلەپ، 25 كىلوگراملىق بۇغداي ئۇنى قاپىنىڭ باھاسى 235 دوللاردىن 520 دوللارغىچە بولۇپ، فېۋرالدىن بۇيان 3,000 پىرسەنت ئۆرلىگەن.

«ئۇزۇنغا سوزۇلغان ۋە كەڭ كۆلەملىك ھەربىي ھەرىكەت ۋە ئىنسانىي ۋە تىجارىي قامالنىڭ داۋاملىشىشى سېنارىيەسىدا، ھايات قېلىش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان تەمىنات ۋە مۇلازىمەتلەرگە ئېرىشىشتە كەسكىن قىيىنچىلىق بولىدۇ،» دېدى IPC.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

Copyright © All rights reserved. | Newsphere by AF themes.