نويابىر 24, 2025

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى -مەڭگۈ ئ‍ۇيغۇر ئ‍ۈچۈن سۆزلەيمىز!

ئاۋسترالىيە مېلبورن شەھىرىدە ئۇيغۇر بالىلارنى بۇلاپ قاچقان خىتايلار قولغا ئىلىندى

ئاۋسترالىيە مېلبورن شەھىرىدە ئۇيغۇر بالىلارنى بۇلاپ قاچقان خىتايلار قولغا ئىلىندى

تارىم

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2021-يىلى 24-ئاۋغۇست

 
23-ئاۋغۇست دۈشەنبە، ئاۋسترالىيەنىڭ مېلبورن شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر ئائىلىسىگە بىر نەچچە خىتاي باستۇرۇپ كىرىپ، 5 ياشقا توشمىغان ئىككى بالا بىلەن ”مېرسىدىس“ ماشىنىنى بۇلاپ قېچىپ كەتكەن. مەزكۇر ۋەقە يەرلىك ساقچىلار ۋە تېلېۋىزىيە قاناللىرىنىڭ جىددىي دىققىتىنى تارتقان بولۇپ، ئۇزاق ئۆتمەي بالىلار ئامان -ئېسەن تېپىلغان.  بالىلارنى بۇلاپ كەتكەن خىتايلارمۇ قولغا چۈشكەن. 

تۈنۈگۈن شۇ يەر ۋاقتى چۈشتىن كىيىن، ئابدۇۋەلىنىڭ ئايالى نۇربىيە بالىلار بىلەن ئۆيدە بولۇپ، بىر نەچچە خىتاي ئۇلارنىڭ ئۆيىگە باستۇرۇپ كىرگەن ۋە نۇربىيەنى ئېغىر ئۇرۇپ يارىلاندۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئىككى نارەسىدە بالىسى بىلەن ”مېرسىدىس“ ماشىنىسىنى بۇلاپ قېچىپ كەتكەن. نۇربىيە ئۇلارنىڭ ئارقىدىن قوغلاپ چىقىپ، ئالاقزادە ۋە قاتتىق ۋەھىمە ئىچىدە كوچىغا چىقىپ «بالىلىرىم، بالىلىرىم! » دەپ ۋارقىرىغان. قوشنىلار ئاڭلاپ ساقچىغا مەلۇم قىلغاندىن كىيىن، جىددىي ھەرىكەت قوللانغان. بالىلارنىڭ دادىسى ئابدۇۋەلى قۇرۇلۇشتا ئىشلەيدىغان بولۇپ، ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقاندىن كىيىن ئ‍ئۆيىگە جىددىي قايتىپ كەلگەن ۋە ساقچىلار بىلەن ئالاھىدە ماسلىشىپ، بالىلارنى ئىزدىگەن. 

كېچە ۋاقتىدا، ئۇلارنىڭ ماشىنىسى ئۇلارنىڭ ئۆيىدىن 5 كىلومېتىر نېرىدىكى بىر كوچىدىن تېپىلغان. مەزكۇر كوچىدا ئولتۇرۇشلۇق بىر ئايال ھويلىسىنىڭ ئالدىغا توختىتىلغان ماشىنىدىن ئەجەبلىنىپ يېقىنلاشقان. ماشىنىنىڭ كوزۇپىدىن بالىلارنىڭ يىغلاۋاتقان ئاۋازىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن ساقچىلارنى چاقىرىپ كەلگەن. نارەسىدە ئوماق 3 ياشلىق بىلال ۋە  5 ياشلىق ئادىلە ئۇخلاش كىيىملىرى بىلەن ماشىنىنىڭ كوزۇپىدا پۇت-قوللىرى باغلانغان ھالدا بايقالغان. 

ئۇزاق ئۆتمەي، بۇ قېتىمقى بۇلاڭچىلىققا قاتناشقان ئۈچ ئەر ۋە بىر ئايال قولغا ئىلىنغان بولۇپ، ئۇلار خىتايچە، گۇاڭدۇڭچە سۆزلەيدىغان خىتايلار بولۇپ، ئارىدىن بىرى بالىلارنىڭ دادىسى ئابدۇۋەلىنىڭ خىزمەتدىشى ئىكەن. ساقچىلارنىڭ دېيىشىچە،  ئۇلارنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈش مەقسىتى ھازىرچە ئېنىق ئەمەس بولۇپ، بۇلاڭچى خىتايلارنىڭ تىل بىلمەسلىكى سەۋەبىدىن ۋاقتىنچە تەرجىمانغا ئېھتىياجلىق ئىكەن. ساقچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ بۇلاڭچىلىق ھەرگىزمۇ تاسادىپىي ۋەقە بولماستىن، نىشانلىق ھۇجۇم ئىكەنلىكى، شۇڭا ئەتراپتىكى ئاھالىلەردىن ئۆزلىرىدىن بەك ئەنسىرەپ كەتمەسلىكىنى بىلدۈرگەن. 

ئاگېنتلىقىمىز بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىسى بىلەن كۆرۈشۈشنى ئىستىگەن بولسىمۇ، بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ تىلىفۇنى ساقچىلارنىڭ قولىدا بولغانلىقى ئۈچۈن بىۋاسىتە ئەھۋال سورىيالمىدۇق. شۇنداقتىمۇ ئاۋسترالىيە 9-قانىلى خەۋىرى ۋە ئابدۇۋەلىنىڭ يېقىنلىرىدىن سۈرۈشتۈرگەن ئەھۋالغا ئ‍ئاساسەن مەزكۇر خەۋەرنى تەييارلىدۇق. 

ئاخىرىدا، ئاگېنتلىق نامىدىن بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىسىدىن سەمىمىي ھال سورايمىز ۋە بالىلارنىڭ ئائىلىسىگە سالامەت قايتىپ كەلگەنلىكىنى قۇتلۇقلايمىز!

 

Copyright © All rights reserved. | Newsphere by AF themes.