نويابىر 24, 2025

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى -مەڭگۈ ئ‍ۇيغۇر ئ‍ۈچۈن سۆزلەيمىز!

ئاۋىستىرالىيە ئاقىللار ئامبىرى: خىتاي يېقىنقى يىللاردا شىنجاڭدىكى 16000 مەسچىتنى چېقىۋەتتى

ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيىلىك سىياسەت تەتقىقات ئورنى 25- سىنتەبىر «شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان -ت.) دىكى ئۇيغۇر ۋە ئىسلام بوشلۇقلىرىنىڭ بۇزۇلۇش جەريانىنى ئىز قوغلاش» تېمىسىدا بىر پارچە دوكلات ئېلان قىلغان. دوكلات سۈنئىي ھەمراھ سۈرىتى قاتارلىق تەتقىقات ئۇسۇللىرى ئارقىلىق يېقىنقى يىللاردا ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتى سەۋەبىدىن تەخمىنەن 16000 مەسچىتنىڭ چېقىۋېتىلگەن ياكى ۋەيران قىلىنغانلىقىنى بايقىغان

فرانسىيە رادىئوسى، 2020-09-25
قىسقارتىپ تەرجىمە قىلغۇچى: بىلمەسجان
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 2020-09-29

 

ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيىلىك سىياسەت تەتقىقات ئورنى 25- سىنتەبىر «شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان -ت.) دىكى ئۇيغۇر ۋە ئىسلام بوشلۇقلىرىنىڭ بۇزۇلۇش جەريانىنى ئىز قوغلاش» تېمىسىدا بىر پارچە دوكلات ئېلان قىلغان. دوكلات سۈنئىي ھەمراھ سۈرىتى قاتارلىق تەتقىقات ئۇسۇللىرى ئارقىلىق يېقىنقى يىللاردا ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتى سەۋەبىدىن تەخمىنەن 16000 مەسچىتنىڭ چېقىۋېتىلگەن ياكى ۋەيران قىلىنغانلىقىنى بايقىغان. بېيجىڭ تەرەپتىن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن جۈمە كۈنىدىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋىلىش يىغىنىدا: «بۇ دوكلات ئىغۋا توقۇپ، بوھتان چاپلاشتىن باشقا نەرسە ئەمەس.» دەپ ئىنكاس قايتۇرغان.

Copyright © All rights reserved. | Newsphere by AF themes.