ئالىملار بەدەندە زەخمە پەيدا قىلمايدىغان ئاۋاز دولقۇنى ئارقىلىق چاشقاندىكى جىگەر راكىنى يوق قىلدى
مەمەت ئىمىن دوكتور
تەتقىقاتچىلار بەدەندە زەخمە پەيدا قىلمايدىغان ئاۋاز دولقۇنلىرى بىلەن جىگەر راكىغا گىرىپتار بولغان چوڭ چاشقانلاردا داۋالاش ئىلىپ بېرىپ، كىشىنى مەپتۇن قىلارلىق ئالاھىدە ئۈنۈمگە ئېرىشكەن. ئالىملار فوكۇسلانغان ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى ئارقىلىق ، چوڭ چاشقاندىكى جىگەر ئۆسمىسىنىڭ % 75 نى يوقاتقان. بۇ داۋالاش يەنە چاشقانلارنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى قوزغاتقان.
بۇ خىل ئاۋاز دولقۇنلىرى بىلەن جىگەر راكىنى داۋالاشنى، ئامېرىكىنىڭ ۋىسكانسىن تېببىي مەكتىپىدە ئادەمگە سىناق قىلماقتا. ئەگەر بۇ خىل داۋالاش ئادەمدە ئوخشاش ئۈنۈمگە ئېرىشسە، جىگەر راكىنى داۋالاشتا بۆسۈش خاراكتېرلىك بىر ئىلگىرىلەش بولۇشى مۇمكىن.
More Stories
ترامپ:خىتاي پرېزىدېنتى شى جىنپىڭ بىلەن كېلىشىم تۈزۈش ئىنتايىن قىيىن!!
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى فرانسىيەدە خۇاۋېي، خىكۋىژىن، داخۇئانىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا شېرىكلىك جنايتى توغرىسىدا قانۇنىي شىكايەت سۇندى
خىتاينىڭ يېڭى سۈنئىي ئەقىل قورالى توغرىسىدىكى ئەندىشىلەر