نويابىر 24, 2025

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى -مەڭگۈ ئ‍ۇيغۇر ئ‍ۈچۈن سۆزلەيمىز!

ئاتالمىش «شنجاڭ» دائىرلىرى 2024-يىللىق دەم ئىلىشى ئۇقتۇرۇشدا ئۇيغۇر بايراملىرىنى داۋاملىق سېقىپ چېقىرىشقا ئۇرۇنغان

شنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

ئەركىن ئۇيغۇر، 3-يانۋار، ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى

ئاتالمىش شنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تارقاتقان قىزىل باشلىق بايراملىق ئۇقتۇرۇشىدا، 2024-يىللىق بايرام كۈنلىرى تېزىملىكىدە جەمئى 32 كۈن تېزىلغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە روزى ھىيت ئۈچۈن 1 كۈن، قۇربان ھېيت ئۈچۈن 3 كۈن ئارام ئىلىشقا ئاجرىتىلغان.

ئەمما ختاينىڭ ئۆكتەبىردىكى 7 كۈنلۈك دۆلەت بايرىمىدىن باشقا، ختاينىڭ چاغان بايرىمى ئۈچۈن 8 كۈن، چىڭ مىڭ بايرىمى ( 清明节)ئۈچۈن 3 كۈن، ئەجدەرھا كېمە بايرىمى (清明节 ) ئۈچۈن 3 كۈن، ئوتتۇرا كۈز (中秋节 )ئۈچۈن ئۈچ كۈن دەم ئىلىش ئورۇنلاشتۇرغان.

ئاگېنىتلىق كۆز قارشى:ختاينىڭ بۇ ئارقىلىق يەتمەكچى بولغان مەقسدى-ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى بايراملىرىنى قسقارتىش، ئۇيغۇرلارنى بايرام تەبرىكلەيدىغان پۇرسەتلەردىن مەھرۇم قالدۇرۇش، ختاينىڭ بايراملىرىنى تەبرىكلەيدىغانغىلا شارائىت يارىتىش ئارقىلىق مىللى ئاسسلماتسيە ۋە يوقىتىش قەدىمىنى تىزلىشتىن ئىبارەتتۇر.ئۇيغۇرلارنىڭ دوپپا مەدەنىيەت بايرىمى ۋە نوۋرۇز بايراملىرىنى ئۇنتۇلدۇرۇش ئارقىلىق ختايلاشتۇرۇشقا يتېشتىن ئىبارەتتۇر.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

Copyright © All rights reserved. | Newsphere by AF themes.