نويابىر 24, 2025

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى -مەڭگۈ ئ‍ۇيغۇر ئ‍ۈچۈن سۆزلەيمىز!

ئامېرىكىنىڭ يېڭى دۆلەت كاتىپى ماركو رۇبىيو رىيادتا سەئۇدى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فەيسەل بىن فارھان ئال-سەئۇد بىلەن كۆرۈشتى

17-فېۋرال، 2025.

👉 يېقىن شەرق رايونىغا سەپىرى دائىرىسىدە رۇبىيو 17-فېۋرال كۈنى سەئۇدى ئەرەبىستانغا يېتىپ باردى.

👉 ئىسرائىلىيە-حاماس ئوتتۇرىسىدىكى تىنچلىق كېلىشىمىنىڭ بىرىنچى باسقۇچى ئاخىرلىشىش ئالدىدا تۇرغاندا، تەرەپلەر غەززە تەقدىرىگە ئائىت تالاش-تارتىشلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە سۆھبەت ئېلىپ بارىدۇ.

👉 ئامېرىكىنىڭ باش دىپلوماتى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ۋەلىئەھد شاھزادىسى مۇھەممەد بىن سالمان بىلەنمۇ كۆرۈشىدۇ.

👉 سەئۇدى ئەرەبىستان باشقا ئەرەب دۆلەتلىرى قاتارىدا پرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ غەززەلىكلەرنى رايوندىن مەجبۇرىي كۆچۈرۈش پىلانىغا قارشى.

👉 ترامپ، ئۆز نۆۋىتىدە، سەئۇدى ئەرەبىستاننى ئىسرائىلىيە بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىنى نورماللاشتۇرۇشقا ئۈندەپ كەلمەكتە.

👉 سەئۇدى ئەرەبىستان پەلەستىنگە مۇستەقىللىق بېرىلمىگۈچە ئىسرائىل بىلەن مۇناسىۋەت ئورناتمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ كەلمەكتە.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

Copyright © All rights reserved. | Newsphere by AF themes.