ئامېرىكىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ خىتايدىكى ئامېرىكا پۇقرالىرىنى يېتەرلىك ئوزۇق يىغىپ قويۇشقا ئەسكەرتتى
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 28-نويابىر
ئامېرىكىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلخانىسى 28-نويابىر ئورگان تور بېتىدە جىددىي ئۇقتۇرۇش چىقاردى. ئۇقتۇرۇشنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە:
« چەتئەللەردىكى ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ تىنچلىقى، سالامەتلىكى ۋە پاراۋانلىقىغا كاپالەت بېرىش ئامېرىكىنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدىكى كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىشلىرى. نۆۋەتتە خىتايدىكى ئامېرىكا پۇقرالىرى كۈنسېرى ئېشىۋاتقان ۋىرۇس تەھدىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراۋاتىدۇ، بىز بىرلىكتە ئۇلار بىلەن ھەمكارلىشىپ تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا پۇقرالىرىمىزغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن تىرىشىمىز.
ۋىرۇس تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى كېڭەيتىشكە باشلىدى. بۇ تەدبىرلەر: ئۆيدە ئايرىپ كۆزىتىش، كەڭ كۆلەملىك تەكشۈرۈش، ئاممىۋى مەيدانلارنى تاقاش، قاتناشنى ئۈزۈش، ۋە بىر قاتار مۇناسىۋەتلىك تەدبىرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ…
بىز بارلىق ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ ئۆزى ۋە ئائىلىسى ئۈچۈن 14 كۈنگە يېتەرلىك ئوزۇق تۈلۈك، دورا ۋە سۇ قاتارلىق بۇيۇملارنى تەييارلاپ قويۇشىنى تەشەببۇس قىلىمىز…»
ئامېرىكا كونسۇلخانىسىنىڭ ئۇقتۇرۇشىدا جىددىي شارائىتتا ئالاقىلىشىدىغان تېلېفون نومۇرلىرىنىمۇ ئېلان قىلغان.
تۆت كۈندىن بۇيان خىتاي مىقياسىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان قارشىلىق نامايىشلىرىنىڭ ئارقىسىدا، ئامېرىكا كونسۇلخانىسىنىڭ يۇقىرىقىدەك جىددىي ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىشى دىققەت چېكىشىمىزگە ئەرزىيدۇ.
More Stories
ئاق ساراي مەخسۇس كورونانىڭ خىتاي تەجرىبىخانىسىدىن تارقالغانلىقىنى تەشۋىق قىلىدىغان سەھىپە ئاچتى.
شى جىن پىڭ تەھدىت سالدى: تەيۋەن بىلەن بىرلىششتىن ھىچكىم توساپ قالالمايدۇ.
ختاي ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى-ئۇيغۇر جازا لاگىرلىرى ئۈستىدە ھاۋا ئارمىيسى مانىۋىرى ئىلىپ بارىدۇ