نويابىر 24, 2025

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى -مەڭگۈ ئ‍ۇيغۇر ئ‍ۈچۈن سۆزلەيمىز!

ئامېرىكانىڭ ئۇكرائىنا سياسىتى: زېمىن قايتۇرالمايسەن، ئۇرۇش توختات، ناتو يوق

ئامېرىكانىڭ ئۇكرائىنا سياسىتى: زېمىن قايتۇرالمايسەن، ئۇرۇش توختات، ناتو يوق

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى،14-فېۋرال

ئامېرىكىنىڭ يېڭى مۇداپىئە مىنىستىرى پىت خېگسېت

ناتونىڭ بريۇسسېلدىكى شتاب مەركىزىدە قىلغان سۆزىدە، ياۋروپادىكى ئىتتىپاقچىلىرىنى ياۋروپادا مۇداپىئەسنى مۇستەھكەملەشكە چاقىردى. چۈنكى « ئامېرىكا ئاساسىي ئېتىبارنى ناتونىڭ تىنچ ئوكياندىكى قانىتىنى ھىمايە قىلىشقا قارىتىدۇ، »دېدى ئۇ.

👉 ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئىتتىپاقتىكى ھەربى خىراجىتى ئۈلۈشى ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمى قېممىتىنىڭ 2 پىرسەنتىدىن 5 پىرسەنتىگىچە كۆتۈرۈلۈشى كېرەك بولىدۇ، دېدى خېگسېت.

👉 ئۆتكەن يىلى ھەر قايسى دۆلەتلەر ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمى قېممىتىنىڭ 2 پىرسەنتكە يېقىنىنى ناتو ھەربى خىراجىتگە ئاجرىتىپ، جەمئىي 380 مىليارد دوللار سەرپ قىلغان ئىدى.

👉 ئەينى ۋاقىتتا ئامېرىكا 3.5 پىرسەنتنى ، كانادا 1.4 پىرسەنتنى خىراجەت قىلغان.

👉 ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇكرائىنانىڭ ئۇرۇشتىن ئاۋۋالقى چېگرالىرىنى ساقلاپ قېلىشى ھەم ناتوغا قوشۇلۇشى- رېئاللىقتىن يىراق بولغان ئارزۇدىن ئىبارەت.

👉 خېگسېت ئۇرۇش دىپلوماتىك يول بىلەن ئاخىرلىشىشى، ئۇكرائىناغا ياۋروپا ۋە باشقا مەملىكەتكەر ئامېرىكا بولمىغان ئەھۋالدا خەۋپسىزلىك كاپالىتىنى بېرىشى كېرەك دېگەن پىكىرنى بىلدۈردى.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

Copyright © All rights reserved. | Newsphere by AF themes.