تەرجىمە قىلغۇچى: ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقىدىن تۇرسۇنجان، 2-نويابىر
مەن يېقىندا پرېزىدېنت ترامپ بىلەن سۆزلەشتىم، ھەمدە بىزنىڭ بىردەكلىكىمىز شۇكى، ئامېرىكا بىلەن ختاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ھېچقاچان بۇنچە ياخشى بولۇپ باقمىغان. پرېزىدېنت ترامپنىڭ جەنۇبىي كورېيەدە رەئىس شى بىلەن ئۆتكۈزگەن تارىخىي ئۇچرىشىشىدىن كېيىن، مېنىڭمۇ مالايسىيادا خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى، ئادمىرال دوڭ جۈن بىلەن ئوخشاشلا ئىجابىي ئۇچرىشىشىم بولدى. بىز يەنە تۈنۈگۈن كەچتە تېلېفوندا سۆزلەشتۇق.
ئادمىرال بىلەن مەن شۇنىڭغا قوشۇلىمىزكى، تىنچلىق، مۇقىملىق ۋە ياخشى مۇناسىۋەتلەر بىزنىڭ ئىككى ئۇلۇغ ۋە كۈچلۈك دۆلىتىمىز ئۈچۈن ئەڭ ياخشى يول. پرېزىدېنت ترامپ ئېيتقاندەك، ئۇنىڭ تارىخىي «G2 ئۇچرىشىشى» ئامېرىكا ۋە ختاي ئۈچۈن مەڭگۈلۈك تىنچلىق ۋە مۇۋەپپەقىيەتنىڭ ئاساسىنى سالدى.ئۇرۇش مىنىستىرلىكىمۇ ئوخشاش ئىشنى قىلىدۇ — كۈچ ئارقىلىق تىنچلىق، ئۆز-ئارا ھۆرمەت قىلىش ۋە ئىجابىي مۇناسىۋەتلەرنى يېتىلدۈرىدۇ.
ئادمىرال دوڭ بىلەن مەن يەنە ئوتتۇرىغا چىققان ھەر قانداق مەسىلىلەرنى تۈگىتىش ۋە پەسەيتىش ئۈچۈن، ھەربىي-ھەربىي ئالاقە قاناللىرىنى تەسىس قىلىشىمىز كېرەكلىكىگە قوشۇلدۇق. بۇ ھەقتە تېخىمۇ كۆپ ئۇچرىشىشلىرىمىز يېقىندا ئۆتكۈزۈلىدۇ.
«تەڭرى خىتاي ۋە ئامېرىكىغا بەرىكەت بەرسۇن!
More Stories
ئامېرىكىدا «بىزگە پادىشاھ كېرەك ئەمەس» ناملىق نامايىش ئىلىپ بىرىلدى
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ يەنە 5 سانائىتىگە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى سەۋەبلىك چەكلىمە قويدى
ترامپ: ئۇكرائىنا ئۇرۇشى خىتاي بىلەن روسسىيەنى بىرلەشتۈرۈپ قويدى