نويابىر 24, 2025

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى -مەڭگۈ ئ‍ۇيغۇر ئ‍ۈچۈن سۆزلەيمىز!

ئامېرىكا مۇئاۋىن پرېزىدېنتى جېيمس ۋانس ميۇنخېن بىخەتەرلىك يىغىنىدا ئۇكرائىنا پرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش يوللىرىنى مۇزاكىرە قىلدى

گېرمانىيە، 14-فېۋرال، 2025.

«بىز مۇستەھكەم بولغان ، داۋام قىلىدىغا تىنچلىق خالايمىز. بىر قانچە يىلدىن كېيىن شەرقىي ياۋروپاغا توقۇنۇش ئېلىپ كېلىدىغان تىنچلىقنى ئەمەس» دېدى ۋانس.

زېلېنسكىينىڭ ئىشىنىشىچە، رۇسىيە-ئۇكرائىنا توقۇنۇشىغا خاتىمە بېرەلەيدىغان كىشى پرېزىدېنت ترامپتۇر. زېلېنسكىي ئامېرىكا رەھبىرى بىلەن ئومۇمىي پىلاننى مۇزاكىرە قىلغاندىن كېيىنلا ۋلادىمىر پۇتىن بىلەن كۆرۈشۈشكە ماقۇل بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

«تىنچلىق بولۇشىنى بەك خالايمىز، لېكىن بىزگە ھەقىقىي بىخەتەرلىك كاپالەتلىرى كېرەك» دېدى زېلېنسكىي.

ميۇنخېندا ئامېرىكا ۋە ئۇكرائىنا ۋەكىللەر ئۆمىكى ئۇچراشقاندىن كېيىن باشقا مۇھىم باياناتلار ئىلان قىلىنمىدى.

بۇنىڭدىن بۇرۇن ناتونىڭ بريۇسسېلدىكى ئىدارىسىدا سۆز قىلغان ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرى پىت خېگسېت «ئۇكرائىنانىڭ ئۇرۇشتىن بۇرۇنقى چېگرالىرىنى ساقلاپ قېلىشى، ناتوغا قوشۇلۇشىنىمۇ رېئال بولمىغان نىشانلار» دەپ تەرىپلىگەن.

خېگسېتنىڭ بۇ باياناتى كەسكىن تەنقىدلەرگە ئۇچرىدى. كېيىنرەك مىنىستىر پىت «ھەممە ئىشلار رۇسىيە ۋە ئۇكرائىنا ئارىسىدىكى تىنچلىق سۆھبىتىدە ھەل قىلىنىدۇ، »دەپ ئېنىقلىق كىرگۈزدى.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

Copyright © All rights reserved. | Newsphere by AF themes.