نويابىر 24, 2025

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى -مەڭگۈ ئ‍ۇيغۇر ئ‍ۈچۈن سۆزلەيمىز!

ئامېرىكا: ئىران كەلگۈسى 48 سائەت ئىچىدە ئ‍سرائىلىيەگە ھۇجۇم قىلىدۇ.ئوتتۇرا شەرق جىددى ھالەتكە كىردى

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 12-ئاپرىل

ئامېرىكا ئاق ساراي دۆلەت بېخەتەرلىكى باياناتچىسى جون كىربى بۈگۈن ئىراننىڭ 48 سائەت ئىچىدە ئ‍سرائىلىيەگە قارشى قساس خاراكتىرلىك ھۇجۇم قوزغايدىغانلىقىغا ئائىت ئۇچۇر بارلىقىنى ئىلان قىلدى.

بۈگۈن ئامېرىكا ئا ب سى ئاخبارات قانىلى ئىلان قىلغان خەۋەرگە قارىغاندا، ئىران ئ‍سرائىلىيەگە ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن 100 دىن ئارتۇق باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئوق بېشى تەييارلىغان.

ئامېرىكا ئوتتۇرا شەرقكە جىددى ھەربى ئەسلىھەلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا تەييارلىق قىلماقتا.

گىرمانيە، روسيە، فىرانسيە ۋە ئەنگىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ئىراننى ئ‍سرائىلىيەگە ھۇجۇم قىلماسللىققا دەۋەت قىلدى ۋە ئۆز پۇقرالىرىنى رايوندىن چېكنىشكە ئۇقتۇرۇش چىقاردى.

ئ‍سرائىلىيە: ئەگەر ئىران ئ‍سرائىلىيە زېمىنىغا ھۇجۇم قىلسا، ئ‍سرائىلىيە ئىرانغا ئىغىر قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتىدۇ-دىدى.

ئامېرىكا پىرەزدىنتى جوۋ بايدىن بۈگۈن ئىرانغا: ھەرگىز ئ‍سرائىلىيەگە ھۇجۇم قىلما، بىز ئ‍سرائىلىيەنى قوغداشقا تەييار-دەپ ئاگاھلاندۇرۇش بەردى.

ئۆتكەن ھەپتە ئالدىدا، ئ‍سرائىلىيە دەمەشىقتىكى ئىرانغا قاراشلىق بىناغا ھۇجۇم قىلىپ، ئىراننىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك گىنراللىرى ۋە باشقىلارنى ئ‍ۆلتۈرگەن بولۇپ، ئىران ئالى داھىيسى خامەنى بۇنىڭغا قارشى قساس ئالىدىغانلىقىنى ئىلان قىلغان.

ئىران ئوتتۇرا شەرقتە تۈركىيەدىن قالسا ئەڭ كۈچلۈك ئارميەگە ئىگە بولۇپ، خاماس، ھىزبۇللا، خوسيلار قاتارلىق كۈچلۈك ھەربى تەشكىلاتلارنى قوللاپ كەلگەن.مۇتەخەسسلەر ھەتتا ئىران ئاللىقاچان مەخپى ھالدا يادرو قورالى ياساپ بولغان بولۇشى مۇمكىن،بۇ رايوندا خەتەرلىك ھەربى ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ دەپ قارىماقتا.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

Copyright © All rights reserved. | Newsphere by AF themes.