ئۇيغۇرىيان
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، ۋاشنگىتون، 9-ئىيۇل
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايىك پومپيو بۈگۈن چىن چۈەنگو قاتارلىق خىتاي ئەمەلدارلىرىغا مال-مۈلكىنى توڭلىتىش، ئامېرىكىغا كىرگۈزمەسلىك قاتارلىق تەدبىرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جازالاشنى يولغا قويغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئامېرىكا سودا مىنستىرىمۇ، بۇ خىتاي ئەمەلدارلىرىغا ماگنېتسكى قانۇنىنى ئىجرا قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇلار چىن چۈەنگو، ج خ نازارىتىنىڭ ھازىرقى ۋە بۇرۇنقى پارتىيە سېكرېتارى ۋاڭ مىڭشەن ۋە خوۋليۇجۈن ، جۇخەيلۇن (سابىق مۇئاۋىن پارتكوم سېكرېتارى ) قاتارلىقلار ئىكەن.
بۇ قېتملىق جازالاشتا خىتاينىڭ «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسزلىكى نازارىتى يەنى-گۇڭئەنتىڭ» جازالىنىدىغان تۇنجى ھۆكۈمەت ئورنى بولۇپ قالغان.
More Stories
ئارگېنتىنا يۇقىرى جىنايى سوت مەھكىمىسى ئۇيغۇرلارغا قارشى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دېلوسىنىڭ ئاساسنى قوبۇل قىلدى
خەت: بىز لېيبور پارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ھەققىدىكى قارارىدىن ۋاز كەچكەنلىكىدىن ئۈمىدسىزلەندۇق
2024-يىلى ب د ت دا ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغان دۆلەتلەرنىڭ سانى 15 كە چۈشۈپ قالدى