نويابىر 24, 2025

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى -مەڭگۈ ئ‍ۇيغۇر ئ‍ۈچۈن سۆزلەيمىز!

ئامېرىكا ھىندىستانغا تاموژبا بېجى ئۆستۈرىدۇ

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى،14-فېۋرال

پرېزىدېنت دونالد ترامپ ئاق سارايدا ھىندىستان باش مىنستىرى نارېندرا مودىنى ”مېنىڭ كاتتا دوستۇم“ دەپ قۇچاق ئېچىپ كۈتۈۋالدى، بىراق، ئۇ شۇنىڭغا قارىماي، ھىندىستان ھەم ئامېرىكىنىڭ دۇنيا بويلاپ سودا ھەمكارلىرىغا يۈرگۈزىۋاتقان باجلاردىن مۇستەسنا بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئىلگىرى ھىندىستاننى ”باج شاھى“ دەپ تەنقىد قىلغان ترامپ، ھىندستان يولغا قويغان تاموژبا باجلىرىنى ”ناھايىتى ئادالەتسىز ۋە كەسكىن“ دەپ ئاتىدى.

”ھىندىستان قانچە باج ئۆستۈرسە، بىز ھەم شۇنچە ئۆستۈرىمىز، – دېدى ترامپ مودى بىلەن يانمۇ-يان ھالدا ئۆتكۈزۈلگەن بىرلەشمە ئاخبارات يېغىندا. – شۇنداق ئىكەن، ئوچۇقىنى ئېيتقاندا، ئەندى ئۇلار قانچە باج قويۇشىنىڭ بىزگە ئۇنچىلىك ئەھمىيىتى يوق.“

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

Copyright © All rights reserved. | Newsphere by AF themes.