ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى خەۋىرى، 2-ماي
ئامېرىكىنىڭ نوپۇزلۇق ئەلرايى تەكشۈرۈش تەتقىقات مەركىزى پېۋ ئىنۇستىتۇتى ئىلان قىلغان ئەلرايى تەكشۈرۈش دوكلاتىدا، 81 % ئامېرىكا خەلقى-ختاي دۆلىتىنى ياخشى كۆرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ ئۇدا 5 يىل ئامېرىكىلىقلارنىڭ ختايغا بولغان ياقتۇرماسلىقىنى ئىپادىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.
43% ئامېرىكىلىقلار ختاينى ئىنتايىن ئۆچ كۆرىدىكەن.
50% ئامېرىكىلىق ختاينى رىقابەتچى دەپ قارايدىكەن.
42% ئامېرىكىلىق ختاينى دۈشمەن دۆلەت دەپ قارايدىكەن ۋە ختاي ئامېرىكا ئېقتسادىغا زەربە بىرىۋاتىدۇ دەپ قارايدىكەن.
يېرىمىدىن كۆپ ئامېرىكىلىقلار «ختايغا زەربە بىرىش-ئامېرىكىنىڭ بىرىنچى نۇمۇرلۇق تاشقى سياسىتى بولۇشى كىرەك»دەپ قارايدىكەن.
71% ئامېرىكىلىقلار ختاي دۇنيادا بارغانسرى كۈچلىنىپ كېتىۋاتىدۇ دەپ قارايدىكەن.
كونسرۋاتىپ ۋە جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيسگە ئەگىشىدىغان ئامېرىكىلىقلارنىڭ ختايغا بولغان ياقتۇرماسلىقى-لىبرال ئامېرىكىلىقلارغا قارىغاندا 25 % كۈچلۈك ئىكەن.
ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى-ئۇيغۇرلارنىڭ ئاخبارات ۋاستىسى، تېخىمۇ كۆپ خەۋەرلەر ئۈچۈن تور بېتىمىزنى زىيارەت قىلىڭ.ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقىنى قوللاڭ.
More Stories
ئامېرىكا ئۇرۇش منستىرى خىتاي بىلەن مۇناسۋىتى ھەققىدە يېڭى بايانات بەردى
ئامېرىكىدا «بىزگە پادىشاھ كېرەك ئەمەس» ناملىق نامايىش ئىلىپ بىرىلدى
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ يەنە 5 سانائىتىگە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى سەۋەبلىك چەكلىمە قويدى