نويابىر 24, 2025

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى -مەڭگۈ ئ‍ۇيغۇر ئ‍ۈچۈن سۆزلەيمىز!

ئامېرىكا دۆلەتلىك دىموكراتىيە فوندى دولقۇن ئەيسانىڭ كىتاۋى ھەققىدە مەخسۇس سۆھبەت ئ‍ورۇنلاشتۇردى

دولقۇن ئەيسا

ئەركىنجان، ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 15-مارت

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى باشقۇرۇشدىكى ئامېرىكا دىموكراتىيە فوندى جەمئىيتى 14-مارت كۈنى ۋاشنگىتوندىكى باش شتابى يېغىن زالىدا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىي رەئىسى دولقۇن ئەيسانىڭ ختاي ھاكىمىيتىنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى سياسىتىدىكى رەزىللىكلىرى يورۇتۇپ بىرىلگەن «ختاينىڭ ئەركىنلىك قىلتىقى»ناملىق كىتاۋى ھەققىدە مەخسۇس سۆھبەت يېغىنى ئ‍ۆتكۈزگەن.

يېغىندا ئالدى بىلەن ئامېرىكا دىموكراتىيە فوندى جەمئىيتى رەئىسى دامون ۋىلسون (Damon Wilson )ئىچىلىش سۆزى قىلغان، ختاي تەھدىتى، ئۇيغۇرلار دۇچ كىلىۋاتقان مەسللەر، دولقۇن ئ‍ەيسانىڭ كىتاۋى قاتارلىق تېمىلاردا توختالغان.

دىموكراتىيە فوندى جەمئىيتى دولقۇن ئەيسانى «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىينىڭ رەئىسى، يەرشارى بويىچە ئېتىراپ قىلىنغان دىموكراتىيە ۋە ئ‍نسان ھەقلىرى يولباشچىسى » دەپ باشلاپ تونۇشتۇرۇپ، ئۇنىڭ ھاياتى، ئائىلىسى، مەكتەپ ھاياتى، ختاينىڭ توسقۇنلۇقلىرى، دولقۇن ئەيسانىڭ پائالىيەتلىرى ھەققىدە تەپسلى مەلۇمات بەرگەن.

مەزكۇر سۆھبەت يېغىنىغا ۋاشنگىتون پوچتسى گېزىتى، خەلقئ‍ارا سياسەت ئوبزورچىسى، «شى جىن پىڭ بىلەن تىرامپنىڭ 21-ئەسر رىقابىتى» ناملىق كىتاپنىڭ ئاپتورى جوش روگى رىياسەتچىلىك قىلغان. ئامېرىكانىڭ خەلقئارا ئاياللار ئ‍شلىرى سابىق باش ئەلچىسى، ب د ت دىكى سابىق ئېقتسادى ئ‍شلار ۋەكىلى كەللى كۇررى (Kelley Currie) ختاينىڭ خەلقئارا ئاپپاراتلارغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشى ۋە دىپلوماتىيە ساھەسدىكى قانۇنسز قىلمىشلىرى ھەققىدە توختالغان.

دولقۇن ئەيسا ئ‍اساسى مېھىمان سۈپىتىدە سۆز قىلغان ۋە سۆھبەت جەريانىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ ختاي ھاكىمىيتگە باش ئەگمەيدىغان كۆرەش روھىنى ئۆز ھايات كەچۈرمىشلىرى، تارىخى مساللار ئارقىلىق نامايان قىلغان.

يېغىنغا يەنە ئۇيغۇرلار مەسلىسى ھەققىدە خىزمەت قىلىدىغان مۇتەخەسسلەر ۋە كۆزەتكۈچىلەر، ئۇيغۇر جامائەت ۋەكىللىرى ۋە دولقۇن ئ‍سانىڭ قوللىغۇچىلىرى قاتناشقان.

بۇ ئۇيغۇر مەسلىسىگە دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ دىققىتى بۇرالغان، ئۇيغۇرلارمۇ سەل قاراۋاتقان بىر پەيىتتە ئىلىپ بىرىلغان مۇھىم يېغىندۇر.

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى ئ‍وقۇرمەنلىرىدىن مۇھەممەتجان تىلفون ئارقىلىق مۇنداق دىدى: دۇنيانىڭ دىققىتى ئىككى چوڭ ئۇرۇشقا بۇرالغان، مۇسۇلمان دۇنياسى ۋە نۇرغۇن ئۇيغۇرلار پەلەستىن ھەققىدىلا توختىلىپ، ئۇيغۇرلارنى ئۇنتۇپ قالغان، ھەر قايسى دۆلەتلەر ئۆز ئ‍شلىرى بىلەن ئالدىراش بولۇۋاتقان، ئامېرىكا سايلام مەسلىسى، كۆچمەنلەر مەسلىسى، ئېقتسادى ئېشىش مەسلىسى بىلەن ئالدىراش بولۇۋاتقاندا، ۋاشنگىتوندا ئۇيغۇرلار ھەققىدە يۇقىرى دەرىجىلىك يېغىننىڭ ئ‍ورۇنلاشتۇرۇلۇشى -مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، بۇ ختايغا سىگنال، سايلام مەزگىلىدە ئ‍ۇيغۇرلار مەسلىسى مۇھىم كۈنتەرتىپتە بولىدىغانلىقىنى كۆرۈۋىلىش قىين ئەمەس.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

Copyright © All rights reserved. | Newsphere by AF themes.