نويابىر 24, 2025

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى -مەڭگۈ ئ‍ۇيغۇر ئ‍ۈچۈن سۆزلەيمىز!

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ختاي رىقابەت كومېتىتى باشلىقى ئۆمەك تەشكىللەپ تەيۋەننى زىيارەت قىلدى. ختاي ھۆكۈمىتى نارازىلىق ئىپادىلىدى

ئەركىنجان، ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 26-فېۋرال

گاللاگىر ۋە ئۇ يتەكلەۋاتقان ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى «ختاي كومپارتىيسى بىلەن رىقابەتلىشش تاللانما كومېتىتى» ئەزالىرى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيسى ۋە دىموكراتلار پارتىيسى ئەزالىرى تەيۋەن پايتەختى تەيبىينى زىيارەت قىلدى.

گاللاگىر تەيۋەن پىرەزدىنتى سەي يىڭۋىن ۋە ئۇنىڭ كابىنت ئەزالىرى، يېڭى سايلانغان لەي چىڭدى، تەيۋەن پارلامىنىت باشلىقى قاتارلىقلار بىلەن كۆرۈشكەن.

گاللاگىر مۇنداق دىگەن:« بىزنىڭ زىيارەت قىلىشمىز -ختاي كومپارتىيسگە ئەگەر تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلساڭ، ئۇنىڭ ئىغىر ئاقىۋىتى بولىدۇ»دىگەن سىگنالنى بىرىشتىن ئىبارەت.»

ختاي تاشقى ئ‍شلار منسترلىكى بايانات ئ‍ىلان قىلىپ، گاللاگىرنىڭ زىيارىتىنى ئەيىپلىدى.

گاللاگىر ھازىرغىچە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسدە ختاي ھۆكۈمىتىگە قارشى ئەڭ سەزگۈر، ئەڭ قاتتىق قول مەجلىس ئەزاسى بولۇپ، ختاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكا دۆلەت بېخەتەرلىكى، ئامېرىكا ئېقتسادى، ئامېرىكا تېخنىكىسىغا كەلتۈرىدىغان خيېىم-خەتەرلىرى، تەيۋەن-تېبەت، خوڭكوڭ ۋە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ئۈستىدىكى جىنايەتلىرىنى كۈنتەرتىپكە ئىلىپ كىلىپ، كۆپ قېتىم گۇۋاھلىق بىرىش يېغىنى ئۆتكۈزگەن. تەكشۈرۈشكە ئورۇنلاشتۇرغان.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

Copyright © All rights reserved. | Newsphere by AF themes.