ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 24-ئېيۇل
ئامېرىكا دۆلەت ئشلىرى منسترلىكىنىڭ باياناتچىسى تامى برۇس 7-ئاينىڭ 22-كۈنى، ئامېرىكىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ-پەن-مەدەنىيەت تەشكىلاتىدىن چېكىنىپ چىقىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇ، ئامېرىكىنىڭ بۇ تەشكىلاتتىن چېكىنىپ چىقىشنى ئۈچىنچى قېتىم جاكارلىشى.
برۇس ئېلان قىلغان بىر پارچە باياناتقا ئاساسلانغاندا، ئامېرىكىنىڭ يۇقىرىقى قارارنى چىقىرىشىدىكى سەۋەب مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن: «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ-پەن-مەدەنىيەت تەشكىلاتى بۆلگۈنچىلىك خاراكتېرلىك جەمئىيەت ۋە مەدەنىيەت ئىشلىرىنى ئالغا سىلجىتىدۇ.بۇ ئامېرىكىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش دىپلوماتىيە سىياسىتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ».
باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ-پەن-مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، ئامېرىكىنىڭ بۇ تەشكىلاتتىن چېكىنىپ چىقىشى 2026-يىل 12-ئاينىڭ 31-كۈنى كۈچكە ئىگە بولىدۇ.
ئامېرىكا بۇنىڭدىن ئىلگىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ-پەن-مەدەنىيەت تەشكىلاتىدىن ئىككى قېتىم چېكىنىپ چىققان. 1984-يىلى، ئامېرىكا مائارىپ-پەن-مەدەنىيەت تەشكىلاتىدا چىرىكلىك ۋە باشقۇرۇش قالايمىقان بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەر مەۋجۇت دېگەننى سەۋەب قىلىپ، بۇ تەشكىلاتتىن چېكىنىپ چىققانلىقىنى جاكارلىغان، لېكىن 2003-يىلى قايتىدىن ئەزا بولغان. 2017-يىل 10-ئايدا، ئامېرىكا يەنە بىر قېتىم مائارىپ-پەن-مەدەنىيەت تەشكىلاتىدىن چېكىنىپ چىقىشنى قارار قىلغان. 2023-يىلى، ئامېرىكا يەنە بۇ تەشكىلاتقا قايتىپ كەلگەن.
More Stories
ئامېرىكا ئۇرۇش منستىرى خىتاي بىلەن مۇناسۋىتى ھەققىدە يېڭى بايانات بەردى
ئامېرىكىدا «بىزگە پادىشاھ كېرەك ئەمەس» ناملىق نامايىش ئىلىپ بىرىلدى
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ يەنە 5 سانائىتىگە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى سەۋەبلىك چەكلىمە قويدى