مۇھىم: ئامېرىكا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىشقا چاقىردى
ئۇيغۇر مۇخبىر (ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى مەخسۇس مۇخبىرى)
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 30-سېنتەبىر
29-سېنتەبىر ۋاشىنگتون، رويتىرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا تەكلىپ سۇنۇپ : « خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا خەلقلەرگە قارىتىلغان ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى» مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىشقا چاقىرىق قىلغان.
ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ غەربتىكى بىر قىسىم ئىتتىپاقداشلىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىنى ئىرقى قىرغىنچىلىق دەپ تونۇغان بولۇپ، بۇ يىل 31-ئاۋغۇست بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىنسان ھەقلىرى ئالىي كومىتېتى ئېلان قىلغان ئۇيغۇرلارغا ئائىت ئىنسان ھەقلىرى دوكلاتىدا، خىتاينى ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتكە يېقىنلاپ كېتىدىغان جىددىي ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى سادىر قىلغان دەپ ئەيىبلىگەن.
ئەگەر ئامېرىكىنىڭ مەزكۇر تەلىپى قوبۇل قىلىنسا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىنسان ھەقلىرى كېڭىشىنىڭ 2023-يىلى 2-ئايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان كېڭىشىدە ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە مۇزاكىرە ئىلىپ بارىدىكەن.
خىتاي مەزكۇر لايىھىنىڭ ماقۇللانماسلىقى ھەققىدە كۆپ تىرىشچانلىق قىلماقتا. ئەگەر خىتاي مەزكۇر مۇزاكىرىنى توسۇپ قالالىسا، خىتاينىڭ ب د ت دا ئامېرىكىدىن كۈچلۈك بولغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
More Stories
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي كومپارتىيەسى بىلەن رىقابەتلىشىش ئالاھىدە كومىتېتى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى تېمىسىدا گۇۋاھلىق يېغىنى ئۆتكۈزىدۇ
گوۋېنگۇي قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن تۇرالغۇسىغا ئوت كەتكەن
ماركو رۇبىيو پات يېقىندا كوۋىد ۋىرۇسىنىڭ كېلىش مەنبەسى ھەققىدىكى ھۆججەتلەرنى ئاشكارىلايدىغانلىقىنى جاكارلىدى