نويابىر 24, 2025

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى -مەڭگۈ ئ‍ۇيغۇر ئ‍ۈچۈن سۆزلەيمىز!

ئامېرىكا 2024-يىللىق سايلام مۇنازىرىسدە كامالا ھاررىس ئۇتتى، ئۇيغۇر مەسلىسى تىلغا ئىلىنمىدى

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 11-سىنتەبىر

2024-يىللىق ئامېرىكا پىرەزدىنتلىق سايلام مۇنازىرسى ئا ب س تېلىۋىزىيەسى تارقىتشىدا، پىنسلۋانىيە شتاتى پىلادىلفىيە شەھىرىدە جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيسى نامزاتى سابىق پىرەزدىنت دونالد تىرامپ بىلەن دىموكراتلار پارتىيسى نامزاتى مۇئاۋىن پىرەزدىنت كامالا ھاررس ئوتتۇرسىدا ئ‍ىلىپ بىرىلغان.

سايلام مۇنازىرسى ئاساسەن ئامېرىكا ئىچكى ئ‍شىلىرىغا كۆپرەك مەركەزلەشكەن بولۇپ، چىگرا ۋە كۆچمەنلىك، پۇل پاخاللىقى ۋە ئېقتساد، ئاياللارنىڭ بالا چۈشۈرۈش ھوقۇقى قاتارلىق دائىملىق تېمىلارغا مەركەزلەشكەن ۋە تاشقى سياسەتكىمۇ ئورۇن بىرىلگەن.

كۆپ قسم كۆزەتكۈچىلەرنىڭ باھالىشچە، بۇ قېتىمقى مۇنازىرىدە كامالا ھاررىسنىڭ نەتىجىسى ئويلىمىغان يەردىن ئالاھىدە كۆرىنەرلىك دەرىجىدە ياخشى بولۇپ، سى ئەن ئەن نىڭ ئەلرايى تەكشۈرىشدە، 63% كىشى كامالا ھاررىسنى ئۇتتى دەپ قارىغان.

ۋول سچرىت گېزىتىدە مۇنداق دىيىلدى: تىرامپ ئۆزىگە پايدىلىق تېمىلاردا كامالا ھاررىسقا يتەرلىك كۈچلۈك زەربە بىرەلمەي، كامالانىڭ ھۇجۇملىرى ئالدىدا مۇداپىئەگە ئۆتۈشكە مەجبۇر بولدى.

كۆپ قسم لىبراللار، سەنئەتكارلار كامالا ھاررسنى قوللايدۇ، مۇنازىرىدىن كىين داڭلىق ناخشىچى تايلور سۋىفت كامالانى قوللايدىغانلىقىنى ئىلان قىلدى.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

Copyright © All rights reserved. | Newsphere by AF themes.