تۇرغۇنجان ئۇيغۇر
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 2021- يىلى 15- ئىيۇن
ياۋروپا ئىتتىپاقى كوممىسسيونى پرېزىدېنتى ئۇرسۇلا ۋون لەيىن سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدىن بىلەن مۇخبرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنى ئاچقاندا مۇنداق دېدى: «بىز خىتاي بىلەن ئىقتىسادىي جەھەتتە كۈچلۈك رىقابەتچى، بۇنىڭدا ھېچقانداق شەك يوق. شۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن بىز تەدبىرگە مۇھتاجمىز. بىز رەقەملىك بازار ساھەسدىكى بىخەتەرلىكىمىز ئۈچۈن تەدبىر ئېلىشقا مۇھتاجمىز. مەسلەن 5- ئەۋلاد تور تېخنىكىسى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بىۋاستە چەتئەل مەبلىغى، مەبلەغ نازارەتچىلىكى قاتارلىق ساھەلەردىكى بىخەتەرلىك تەدبىرىگىمۇ مۇھتاج. خىتاي بىلەن ياۋروپا ئارىسىدىكى سىستېما خاراكتېرلىك مەسلە بولسا ئىنسان ھەقلىرى ۋە ئىنسان غورۇرى مەسىلىسىدۇر.بۇ بىزنى ئېنىق ئايرىپ تۇرىدىغان نەرسدۇر.»
مەنبە: ئەنگىلىيە رېيتېر ئاگېنتلىقى 15- ئىيۇن ئوخشاش تېمىدىكى خەۋىرى.
More Stories
مايك گاللاگىر ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى كورونا ۋىرۇسىنىڭ لابوراتورىيەدىن تارقالغانلىقىنى يوشۇرغانلىقى ئۈچۈن ھېساب سوراشقا چاقىردى.
رۇبىئۇ: ئەگەر بىز ھازىرقى ئوخشاش يولدا ئون يىل ماڭساق، ختاي ھەممىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ
ختاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى: «بىرنەچچە تال ئامېرىكا قورالى ئىككى قىرغاقنىڭ ھەربىي كۈچ سېلىشتۇرمىسى ۋەزىيىتىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ»