ناتو روسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قىلغان تاجاۋۇزچىلىقىنى قىرغىنچىلىق بىلەن ئەيىبلىدى
2023-5-23
ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى
تەييارلىغۇچى: تارىم
22-ماي، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى پارلامېنت مەجلىسى (ش ئا ئە ت) روسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قاراتقان جىنايىتىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ ئېتىراپ قىلدى.
بۇنىڭدىن باشقا ، ناتو پارلامىنت مەجلىسى ئەزا ھۆكۈمەتلىرىنى پات ئارىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ۋىلنيۇس باشلىقلار يىغىنىدا ئۇكرائىنانىڭ ئەزالىقىنى قوللايدىغانلىقىنى ئېنىق بايان قىلىشقا ۋە ئۇنى قانداق ئەمەلگە ئاشۇرۇش توغرىسىدا ئېنىق قەدەمدە بىرلىككە كېلىشكە چاقىردى.
خىتابنامىدە روسىيەنىڭ ئۇرۇش جىنايىتى خەلقئارا سوتتا ئەيىبلەش ، ئۇكرائىنانىڭ غەلبىنى قولغا كەلتۈرۈشكە ۋەدە بېرىش ، ئۇكرائىنانىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋەدىسى ، روسىيەگە يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا جازا يۈرگۈزۈش ۋە ئۇكرائىنانىڭ ئىقتىسادىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ياردەم بېرىدىغان «مارشال پىلانى» قاتارلىقلار بار.
More Stories
يەكەن ئېلىشقۇ قەتلىئامى
ئنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش تەشكىلاتى: ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتاي بىلەن ھوقۇق دىئالوگى يەنىلا ئۈنۈمسىز.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى فرانسىيەدە خۇاۋېي، خىكۋىژىن، داخۇئانىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا شېرىكلىك جنايتى توغرىسىدا قانۇنىي شىكايەت سۇندى