نويابىر 24, 2025

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى -مەڭگۈ ئ‍ۇيغۇر ئ‍ۈچۈن سۆزلەيمىز!

مەسجىد قانغا بويالدى: ئىسلام دۆلىتى ئۆزىنىڭ ئافغانىستان قۇندۇز شەھىرىدىكى 50 ئادەمنى ئۆلتۈرگەن پارتىلىتىشقا مەسئۇل ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى

مەسجىد قانغا بويالدى: ئىسلام دۆلىتى ئۆزىنىڭ ئافغانىستان قۇندۇز شەھىرىدىكى 50 ئادەمنى ئۆلتۈرگەن پارتىلىتىشقا مەسئۇل ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى

ئافراسياپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

8-ئۆكتەبىر

ئافغانستاننىڭ شىمالىدىكى قۇندۇز شەھىرىدىكى بىر مەسجىددە جۈمە نامىزى ئوقۇشقا كەلگەن جامائەتكە ھۇجۇم قىلغان بومبىچى 50 دىن ئارتۇق كىشنىڭ ئۆلۈمى ۋە نەچچە ئونلىغان كىشىلەرنىڭ يارىلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

تالىبان باياناتچىسى بىلال كەرىمى ئېلان قىلغان باياناتتا دېيىشچە،ئادەم بومبا ھۇجۇمىدا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 46 ،يارىلانغانلارنىڭ سانى 143 دىن ئاشقان.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، تالىبان ، ئامېرىكا ۋە باشقا دۆلەتلەر مەزكۇر ۋەقەنى بىگۇناھ ئاممىغا قىلىنغان تېررورلۇق ھۇجۇمى دەپ ئەيىبلىدى.

Copyright © All rights reserved. | Newsphere by AF themes.