ئافراسياپ،ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى
2021-يىلى،22—ئۆكتەبىر
ئامېرىكا پىرەزدىنتى جوۋ بايدىن 21-ئۆكتەبىر كۈنى ئامېرىكا سىملىق تېلۋىزىيەسى بىلەن ئۆتكۈزگەن نەق مەيدان زىيارىتىدە ئامېرىكىنىڭ تەيۋەن ختتاينىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغاندا،تەيۋەننى قوغدايدىغانلىقىنى بىلدۇردى.بۇ ئامېرىكىنىڭ ئۇزۇندىن بىرى تەيۋەن مەسلىسدىكى مۇجىمەل سياسىتىدىكى بىر بۇرۇلۇش بولۇپ،ختتاينىڭ ھەربى ھۇجۇمىنى توسۇشى مۇمكىن دەپ قارالماقتا.
ئامېرىكا ھەربى تەرەپ ھازىرغىچە ئىلىپ بارغان تەقلىدى مانىۋىرلاردا ئاساسەن ختتاي ئۇتۇپ چىققان بولۇپ،ئامېرىكا بار كۈچى بىلەن ختتاي بىلەن بىۋاستە ھەربى توقۇنۇشتىن ساقلىنىپ كەلمەكتە.ئامېرىكا بىلەن ختتاي ئوتتۇرسدا تاكى كورىيە ئۇرۇشدىن ھازىرغىچە ھىچقانداق چوڭ ھەربى توقۇنۇش يۈز بەرمىدى.ئامېرىكا ئافغانستاندىن چېكىنىپ چىققاندىن كىين،ختتاي تاراتقۇلىرى تەيۋەنگە قارىتا ئىغۋاگەرچىلىك قىلىپ ئامېرىكا بەربىر سلەرنى قوغدىمايدۇ دەپ تەشۋىقات قىلىشقا باشلىدى.شۇنداقلا ختتاي ھەربى ئايروپىلانلىرى ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى تەيۋەن ھاۋا بوشلۇقىدا ئۇچۇرۇپ،تەھدىت سلىپ كەلمەكتە.
ۋاشنگىتوندا جۇمھۇرىيەتچىلەرنى ئاساسەن قىلغان سياسەتچىلەر ۋە تاراتقۇلار دىموكراتچىلاردىن بولغان جوۋ بايدىننى يۇمشاق، ختتايغا كۈچلۈك تەدبىر قوللىنالمىدى دەپ ئەيىپلەپ كەلمەكتە.
More Stories
ئامېرىكا ئۇرۇش منستىرى خىتاي بىلەن مۇناسۋىتى ھەققىدە يېڭى بايانات بەردى
ئامېرىكىدا «بىزگە پادىشاھ كېرەك ئەمەس» ناملىق نامايىش ئىلىپ بىرىلدى
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ يەنە 5 سانائىتىگە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى سەۋەبلىك چەكلىمە قويدى