ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 2021- يىلى 26- ماي
25- ماي چارشەنبە، ئىتالىيەدە تۇرۇشلۇق ئاتا – ئانا ئابلىكىم مەمەتئىمىن ۋە مىھرىبان قادىر ۋەتەندە قالغان 4 پەرزەنتى ئۈچۈن ئىتالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى ئالدىدا نامايىش قىلدى.
نامايىشقا ئىتالىيە پارلامېنتىدا مەزكۇر تۆت نەپەر پەرزەنت ئۈچۈن سەككىز مىنۇتلۇق كۈچلۈك نۇتۇق سۆزلىگەن پارلامېنت ئەزاسى ئاندىرا دىلماستىرو ئەپەندى، سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى گىيولىيو تىرزى ئەپەندى، قانۇن ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى لاۋرا ھارىس، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ۋەكىلى تىنا مارىنارى قاتارلىقلار بىرلىكتە نامايىش قىلدى.
ئۇلار ئىتالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ مەجبۇرىيىتى ۋە ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىپ، 4 ئۇيغۇر ئۆسمۈرنىڭ ئىتالىيەدىكى ئاتا – ئانىسى بىلەن جەم بولۇشىغا تېزدىن ھەرىكەت قىلىشنى يەنە بىر قىتىم تەلەپ قىلدى!
More Stories
ئنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش تەشكىلاتى: ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتاي بىلەن ھوقۇق دىئالوگى يەنىلا ئۈنۈمسىز.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى فرانسىيەدە خۇاۋېي، خىكۋىژىن، داخۇئانىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا شېرىكلىك جنايتى توغرىسىدا قانۇنىي شىكايەت سۇندى
فرانسىيە پرېزىدېنتى ماكرون سۈرىيە ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنى رادىكال گۇرۇھلارغا قارشى كۈرەشكە چاقىردى