نويابىر 24, 2025

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى -مەڭگۈ ئ‍ۇيغۇر ئ‍ۈچۈن سۆزلەيمىز!

سەئۇدى ئەرەبىستان يول يۈرۈش چەكلىمىسىنى قىسمەن بىكار قىلدى، بىراق مەككە يەنىلا قامال ئاستىدا

سەئۇدى ئەرەبىستان تاجىسىمان ۋىرۇسقا قارىتا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان قامال قىلىش تەدبىرلىرىنى قىسمەن بىكار قىلدى ، بۈگۈندىن باشلاپ ئەمدى مەزكۇر دۆلەتنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا 24 سائەتلىك سىرتقا چىقىشنى چەكلەش يۈرگۈزۈلمەيدۇ.

ھەپتىلىك خەۋەرلەر تورى Newsweek

 

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2020-يىلى 26.ئاپرىل

 

ئىنگىلىزچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: ئابدۇسالام ئۇيغۇر ۋولقانىي

 

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

 

2020-04-27

 

سەئۇدى ئەرەبىستان تاجىسىمان ۋىرۇسقا قارىتا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان قامال قىلىش تەدبىرلىرىنى قىسمەن بىكار قىلدى ، بۈگۈندىن باشلاپ ئەمدى مەزكۇر دۆلەتنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا   24 سائەتلىك سىرتقا چىقىشنى چەكلەش يۈرگۈزۈلمەيدۇ.

 

شەنبە كۈنى سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمەت خەۋەر ئاگېنتلىقى  ئېلان قىلغان پادىشاھ سالماننىڭ پەرمانىغا ئاساسەن، ئېلىپ بېرىلىۋاتقان يول يۈرۈشنى چەكلەش چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9 دىن چۈشتىن سائەت 5 كىچە بىكار قىلىنىدۇ ۋە 13.مايغا قەدەر داۋاملىشىدۇ. 

 

كېڭەيتىلگەن چەكلىمە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىدا يولغا قويۇلدى، بىراق 24 سائەتلىك قامال قىلىش مەككە ۋە مەزكۇر دۆلەتنىڭ قىسمەن ئايرىۋېتىلگەن رايونلىرىدا داۋام قىلىدۇ.

 

 

سەئۇدى ئەرەبىستان خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، پادىشاھ سالمان يەنە بىر قىسىم ئىقتىسادىي تىجارەت پائالىيەتلىرىنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈشىگە بۇيرۇق چۈشۈرگەن. ھازىر توپ تارقىتىش سودىسى ۋە سودا دۇكانلىرىنىڭ قايتىدىن تىجارەت باشلىشىغا يول قويۇلغان.

 

مەركۇز دۆلەت ھېلىھەم جەمئىيەتنى تارقاقلاشتۇرۇشنى ئىجرا قىلىشقا ئىنتىلىۋاتقان بولغاچقا، بۇ خىل چەكلەش تەدبىرلىرى پەردازخانا ، ساتىراشخانا ، كىنوخانا قاتارلىق زۆرۈر بولمىغان كەسىپلەرگە داۋاملىق يۈرگۈزۈلىدىكەن. 

 

سەئۇدى ئەرەبىستان دائىرىلىرى مارت ئېيىنىڭ ئاخىرى مۇقەددىس شەھەرلەر بولغان مەككە ۋە مەدىنەگە چەتئەل ساياھەتچىلىرىنىڭ بېرىشىنى مەنئىي قىلغان ، ۋە 2. ئاپرىلدىن باشلاپ ھەرقايسى شەھەرلەرگە قارىتا قامال قىلىشنى ئىجرا قىلغان.

 

ئەسلىي مەنبە: https://www.newsweek.com/saudi-arabia-partially-lifts-curfews-mecca-locked-down-1500268

Copyright © All rights reserved. | Newsphere by AF themes.