
ئافراسياپ
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى15-دېكابىر ،كېچە سائەت 11:42
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى ماراكەش سوتىنىڭ ئىدرىس ھەسەننى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش ھەققىدىكى قارارىدىن خەۋەر تاپقاندىن كىيىن، ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر جەمئىيەتلىرى بىلەن جىددىي ئالاقە قىلدى.
ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىدىن ئۆمەر قانات 15-چېسلا چۈشتىن بۇرۇن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىلەن بۇ ھەقتە جىددىي ئالاقىدە بولغانلىقىنى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئەندىشىلىرىنى بىلدۈرگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىدىن ئەلفىدار خانىم 16-دېكابىر ماراكەش ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش قىلىش پىلانلىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى بىر نەچچە خىل تىلدا خەلقئارا جەمئىيەتنى ئىدرىس ھەسەننى خىتايغا قايتۇرماسلىق ھەققىدە ماراكەش ھۆكۈمىتىگە بېسىم چۈشۈرۈشكە چاقىرىق قىلغانىدى.
More Stories
ئۆمەر قانات دىپلومات ژۇرنىلىدا «خىتاينىڭ قىرغىنچىلىقى ۋە ئۇيغۇر ئىلغارلىرىنى يوقىتىش» ناملىق ئوبزور ئېلان قىلدى
ختاينىڭ چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارغا ساختا پاسپورت بىرىش ئالدامچىلىقى
”ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش، جازالاش قانۇن لايىھەسى“ نى تونۇشتۇرۇش ئاخبارات ئىلان قىلىش يېغىنى ئىچىلدى.